2008年9月2日

خەلقئارا پېرېۋوت بازىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى

خەلقئارا پېرېۋوت بازىرى نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بۈگۈنكى كۈندە بىر گەۋدىلىشىشتەك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى:
1. زامانىۋىلاشقان سودا تېخنىكىسى پېرېۋوت بازىرىنى 24 سائەت توختىماي مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان بازارغا ئايلاندۇردى
ھەر كۈنى سەھەردە ۋېللىڭگىتون، سىدنىيدىن باشلانغان بازار كەچتە ئامېرىكىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى بازارلاردا يېپىلىدۇ. ئاۋسترالىيە، ئاسىيا، شىمالىي ئامېرىكىدىكى چوڭ بازارلار بىر- بىرىگە تۇتاشقان بولۇپ، تىجارەت كۈنىدىكى ھەر قانداق بىر ۋاقىتتا مۇۋاپىق كەلگەن بازاردا پېرېۋوت سودىسى قىلىشقا بولىدۇ. بۇ شەكىلسىز بازاردا سودا ۋاقتى «بازار ئېچىش»، «بازار تاقاش» دېگەندەك ئەنئەنىۋى ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، بىر بازار يېپىلغاندىن كېيىن، سودا تەبئىي ھالدا يەنە بىر بازارغا ئۆتىدۇ.
2. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خەلقئارالاشتى، مەبلەغنىڭ يۈرۈشىشى ئەركىنلەشتى
20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OECD) غا ئەزا دۆلەتلەر كاپىتالنىڭ يۈرۈشىشى ۋە تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇشقا دائىر مۇتلەق كۆپ قىسىم چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كاپىتال بازىرىنى قويۇۋېتىشىگە ئەگىشىپ، OECD يەنە «كاپىتالنىڭ يۈرۈشىشى ۋە دائىملىق تۈرلەر كەسپىنى ئەركىن قويۇۋېتىش توغرىسىدىكى نىزام» نى تۈزۈپ چىقتى. بۇ «نىزام» غا 1989- يىلى 5- ئايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا OECD قا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەركىن قويۇۋېتىشتە ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيىتى ئېنىق بېكىتىلگەن. بۇ «نىزام» نىڭ تۈزۈلۈشى يەرشارى پۇل مۇئامىلىسى بىلەن تاشقى پېرېۋوت كەسپىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.
3. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا پېرېۋوت بازارلىرىدىكى باھا بىردەك بولۇپ، جايلاردىكى باھانىڭ ئوخشىماسلىقىدىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىلدى
جايلار ئارىسىدىكى باھانىڭ ئوخشىماسلىقىدىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىش: ئىككى جاي ياكى بىر قانچىلىغان بازار ئارىسىدىكى باھانىڭ بىردەك بولماسلىقىدەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۆۋەن باھادا ئېلىپ يۇقىرى باھادا سېتىش، شۇ ئارقىلىق ئارىدىن پايدا ئۈندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ھازىر ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى تەرەققى قىلغان بولۇپ، بازارلار ئارىسىدىكى باھا ئازراقلا ئوخشاش بولماي بولماي قالسا، سودىگەرلەر كومپيۇتېردىكى ئاپتوماتىك سودا سىستېمىسى ئارقىلىق دەرھال بايقاپ ئالالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى ئارىلىق قانچە يىراق بولسۇن زور مىقداردىكى مەبلەغلەرنى ناھايىتتى تېزلا يۆتكىگىلى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا باھا پەرقىدىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىشمۇ مۇمكىن بولمايدىغان بولۇپ قالدى.
4. پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرى ماسلىشىپ باشقۇرۇش، بىرلىكتە ئارىلىشىشقا ئۆتتى
1985- يىلى 9- ئايدا ئامېرىكا، ياپونىيە، گىرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتالىق بەش دۆلەت ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇش ئۈچۈن، پېرېۋوت بازىرىغا بىرلىكتە ئارىلىشىش توغرىسىدا بىر تۈرلۈك سىياسەتنى ئوتتۇرغا چىقاردى. بۇ بەش دۆلەت مەركىزى بانكىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن پېرېۋوت سودىگەرلىرى بىر- بىرلەپ ئامېرىكا دوللىرىنى قولدىن چىقىرىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت باھاسى تېزلا چۈشۈپ كەتتى. 1987- يىلى 2- ئايدا «غەربتىكى يەتتە دۆلەت» مالىيە مېنىستىرلىرى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلىرى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئاساسلىق پۇللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن، «يەتتە دۆلەت گۇروھى» مۇۋاپىقىيەتلىك، كەڭ كۆلەملىك ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرىغا يار- يۆلەكتە بولدى. 90- يىللارغا كەلگەندە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادى مەنپەئەت توقۇنۇشىنىڭ ئاۋۇپ بېرىشى، ئالاقىدار ئاپپاراتلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ سۇسلىشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشى ئىلگىركىگە قارىغاندا ئازلاپ كەتتى، ياكى ئارىلاشقان بولسىمۇ ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىدى. 1991- يىلى ياپونىيە ئامېرىكىغا پېرېۋوت بازىرىغا بىرلىكتە تەسىر كۆرسىتىش، شۇ ئارقىلىق ياپونىيە يىنىنىڭ ئاجىز ھالىتىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەردى، لېكىن ئامېرىكا بۇ تەكلىپنى ماقۇل كۆرمىدى. نەتىجىدە ياپۇنىيە پېرېۋوت بازىرىغا يالغۇز ئارلىشىپ ئۇتۇق قازىنالمىدى. 1992- يىلى ياۋروپا پۇل سىستېمىسىدا كىرزىس كۆرۈلگەندە، گىرمانىيە، فىرانسىيە ئىككى دۆلەت مەركىزى بابكىلىرى فرانىكنى قوغدىغان بولسىمۇ، لېكىن گىرمانىيىدە پېرېۋوت نىسبىتى زادىلا چۈشمىدى، بۇ ھەم بازاردىكى پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ ماركنى داۋاملىق سېتىۋېلىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇ يىلى بۇ ئىككى دۆلەت فرانىكنىڭ چۈشۈش ۋەزىيىتىنى ۋاقتىنچە كونترول قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن نەچچە يۈز مىليارد مارك قىممىتىدە زور بەدەل تۆلىدى.
5. تور پېرېۋوت سودىسىنىڭ تەرەققىياتى
1997- يىلىدىن ئېتىبارەن، ئېتىرنېت تورىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان كاپالەتلىك تاشقى پېرېۋوت سودىسى پۈتكۈل دۇنياغا تارقىلىپ، پېرېۋوت سودىسىدىكى مودىغا ئايلاندى. بانكىلار ئارىسىدىكى سودا توردا ئېلىپ بېرىلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تور پېرېۋوت سودىسىغا يۈزلەندى.
تور پېرېۋوت سودىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى رايونلار چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىلگىرى يەرلىك ۋاستىچىلار ئارقىلىقلا پېرېۋوت سودىسى قىلالايدىغان شەخسلەر ۋە كىچىك ئاپپاراتلار ئەمدى بۇ سودىنى تور ئارقىلىق ناھايىتتى ئاسانلا قىلالايدىغان بولدى.
2000- يىلى 12- ئايدا ئامېرىكا «قەرەللىك مال سودىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، بارلىق پېرېۋوت سودىگەرلىرى چوقۇم ئامېرىكا قەرەللىك مال سودا جەمئىيىتى (NFA) ۋە ئامېرىكا تاۋار، قەرەللىك مال سودا كومىتېتى (CFTC) دا روھى خەتكە ئېلىنغان بولۇشى، ھەمدە بۇ ئاپپاراتلارنىڭ كۈندىلىك نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن تور كاپالەتلىك تاشقى پېرېۋوت سودىسى قېلىپلىشىش، تەرەققى قىلىش يولىغا ماڭدى.

0 ئىنكاس||:

 
تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب