2008年9月9日

تاشقى پېرېۋوتنىڭ مەنىسى

ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تاشقى پېرېۋوتنى ھەرىكەت ھالىتىدىكى تاشقى پېرېۋوت ۋە تۇرغۇن ھالەتتىكى تاشقى پېرېۋوت دەپ ئىككى خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. تۇرغۇن ھالەتتىكى تاشقى پېرېۋوت:چەتئەل پۇلى ياكى چەتئەل پۇلى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن، خەلقئارا ھېساباتتا ئىشلىتىلىدىغان تۆلەم ۋاستىسىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرىكەت ھالىتىدىكى تاشقى پېرېۋوت: بىر دۆلەتنىڭ پۇلىنى باشقا بىر دۆلەتنىڭ پۇلىغا ئايرىۋاشلاش، شۇ ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئېلىم- بېرىم مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس سودا پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
دۆلىتىمىز 1996- يىلى ئېلان قىلغان «تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش نىزامى» نىڭ 3- ماددىسىدا تاشقى پېرېۋوتقا مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: ① چەتئەل پۇلى، جۈملىدىن قەغەز پۇل، قۇيما پۇللارنى كۆرسىتىدۇ. ② تۆلەش ۋاستىسى، جۈملىدىن تالۇن، بانكىنىڭ چىقىم تالۇنى، پوچتا ئامانەت تالۇنى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ③ قىممەتكە ئىگە ئاكسىيە، جۈملىدىن ھۆكۈمەت زايومى، شىركەت زايومى، پايچېكى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ④ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى، ياۋروپا پۇل بىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ⑤ چەتئەل پۇلى ئارقىلىق ھېسابلانغان باشقا مال- مۈلۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىلەردىن ئېيتقاندا، تاشقى پېرېۋوت خەلقئارا ھېسابات ياكى پېرېۋوت سودا پائالىيىتىدىن ئىبارەت. ھازىرقى خەلقئارا ھېساباتتا كىشىلەر ئوخشىمىغان پۇللارنى ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا توشوپ يۈرمەيدۇ، بەلكى ئاساسلىقى خەلقئارا كىردىت ۋاستىلىرى ئارقىلىق پۇللارنى بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە ئايرىۋاشلاش يولى بىلەن يۆتكەپ، تۈرلۈك ئېلىم- بېرىم مۇناسىۋەتلىرىنى بانكا ھېساباتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.

2008年9月2日

خەلقئارا پېرېۋوت بازىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى

خەلقئارا پېرېۋوت بازىرى نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بۈگۈنكى كۈندە بىر گەۋدىلىشىشتەك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى:
1. زامانىۋىلاشقان سودا تېخنىكىسى پېرېۋوت بازىرىنى 24 سائەت توختىماي مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان بازارغا ئايلاندۇردى
ھەر كۈنى سەھەردە ۋېللىڭگىتون، سىدنىيدىن باشلانغان بازار كەچتە ئامېرىكىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى بازارلاردا يېپىلىدۇ. ئاۋسترالىيە، ئاسىيا، شىمالىي ئامېرىكىدىكى چوڭ بازارلار بىر- بىرىگە تۇتاشقان بولۇپ، تىجارەت كۈنىدىكى ھەر قانداق بىر ۋاقىتتا مۇۋاپىق كەلگەن بازاردا پېرېۋوت سودىسى قىلىشقا بولىدۇ. بۇ شەكىلسىز بازاردا سودا ۋاقتى «بازار ئېچىش»، «بازار تاقاش» دېگەندەك ئەنئەنىۋى ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، بىر بازار يېپىلغاندىن كېيىن، سودا تەبئىي ھالدا يەنە بىر بازارغا ئۆتىدۇ.
2. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خەلقئارالاشتى، مەبلەغنىڭ يۈرۈشىشى ئەركىنلەشتى
20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OECD) غا ئەزا دۆلەتلەر كاپىتالنىڭ يۈرۈشىشى ۋە تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇشقا دائىر مۇتلەق كۆپ قىسىم چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كاپىتال بازىرىنى قويۇۋېتىشىگە ئەگىشىپ، OECD يەنە «كاپىتالنىڭ يۈرۈشىشى ۋە دائىملىق تۈرلەر كەسپىنى ئەركىن قويۇۋېتىش توغرىسىدىكى نىزام» نى تۈزۈپ چىقتى. بۇ «نىزام» غا 1989- يىلى 5- ئايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا OECD قا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەركىن قويۇۋېتىشتە ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيىتى ئېنىق بېكىتىلگەن. بۇ «نىزام» نىڭ تۈزۈلۈشى يەرشارى پۇل مۇئامىلىسى بىلەن تاشقى پېرېۋوت كەسپىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.
3. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا پېرېۋوت بازارلىرىدىكى باھا بىردەك بولۇپ، جايلاردىكى باھانىڭ ئوخشىماسلىقىدىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىلدى
جايلار ئارىسىدىكى باھانىڭ ئوخشىماسلىقىدىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىش: ئىككى جاي ياكى بىر قانچىلىغان بازار ئارىسىدىكى باھانىڭ بىردەك بولماسلىقىدەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۆۋەن باھادا ئېلىپ يۇقىرى باھادا سېتىش، شۇ ئارقىلىق ئارىدىن پايدا ئۈندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ھازىر ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى تەرەققى قىلغان بولۇپ، بازارلار ئارىسىدىكى باھا ئازراقلا ئوخشاش بولماي بولماي قالسا، سودىگەرلەر كومپيۇتېردىكى ئاپتوماتىك سودا سىستېمىسى ئارقىلىق دەرھال بايقاپ ئالالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى ئارىلىق قانچە يىراق بولسۇن زور مىقداردىكى مەبلەغلەرنى ناھايىتتى تېزلا يۆتكىگىلى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا باھا پەرقىدىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىشمۇ مۇمكىن بولمايدىغان بولۇپ قالدى.
4. پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرى ماسلىشىپ باشقۇرۇش، بىرلىكتە ئارىلىشىشقا ئۆتتى
1985- يىلى 9- ئايدا ئامېرىكا، ياپونىيە، گىرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتالىق بەش دۆلەت ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇش ئۈچۈن، پېرېۋوت بازىرىغا بىرلىكتە ئارىلىشىش توغرىسىدا بىر تۈرلۈك سىياسەتنى ئوتتۇرغا چىقاردى. بۇ بەش دۆلەت مەركىزى بانكىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن پېرېۋوت سودىگەرلىرى بىر- بىرلەپ ئامېرىكا دوللىرىنى قولدىن چىقىرىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت باھاسى تېزلا چۈشۈپ كەتتى. 1987- يىلى 2- ئايدا «غەربتىكى يەتتە دۆلەت» مالىيە مېنىستىرلىرى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلىرى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئاساسلىق پۇللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن، «يەتتە دۆلەت گۇروھى» مۇۋاپىقىيەتلىك، كەڭ كۆلەملىك ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرىغا يار- يۆلەكتە بولدى. 90- يىللارغا كەلگەندە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادى مەنپەئەت توقۇنۇشىنىڭ ئاۋۇپ بېرىشى، ئالاقىدار ئاپپاراتلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ سۇسلىشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشى ئىلگىركىگە قارىغاندا ئازلاپ كەتتى، ياكى ئارىلاشقان بولسىمۇ ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىدى. 1991- يىلى ياپونىيە ئامېرىكىغا پېرېۋوت بازىرىغا بىرلىكتە تەسىر كۆرسىتىش، شۇ ئارقىلىق ياپونىيە يىنىنىڭ ئاجىز ھالىتىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەردى، لېكىن ئامېرىكا بۇ تەكلىپنى ماقۇل كۆرمىدى. نەتىجىدە ياپۇنىيە پېرېۋوت بازىرىغا يالغۇز ئارلىشىپ ئۇتۇق قازىنالمىدى. 1992- يىلى ياۋروپا پۇل سىستېمىسىدا كىرزىس كۆرۈلگەندە، گىرمانىيە، فىرانسىيە ئىككى دۆلەت مەركىزى بابكىلىرى فرانىكنى قوغدىغان بولسىمۇ، لېكىن گىرمانىيىدە پېرېۋوت نىسبىتى زادىلا چۈشمىدى، بۇ ھەم بازاردىكى پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ ماركنى داۋاملىق سېتىۋېلىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇ يىلى بۇ ئىككى دۆلەت فرانىكنىڭ چۈشۈش ۋەزىيىتىنى ۋاقتىنچە كونترول قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن نەچچە يۈز مىليارد مارك قىممىتىدە زور بەدەل تۆلىدى.
5. تور پېرېۋوت سودىسىنىڭ تەرەققىياتى
1997- يىلىدىن ئېتىبارەن، ئېتىرنېت تورىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان كاپالەتلىك تاشقى پېرېۋوت سودىسى پۈتكۈل دۇنياغا تارقىلىپ، پېرېۋوت سودىسىدىكى مودىغا ئايلاندى. بانكىلار ئارىسىدىكى سودا توردا ئېلىپ بېرىلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تور پېرېۋوت سودىسىغا يۈزلەندى.
تور پېرېۋوت سودىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى رايونلار چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىلگىرى يەرلىك ۋاستىچىلار ئارقىلىقلا پېرېۋوت سودىسى قىلالايدىغان شەخسلەر ۋە كىچىك ئاپپاراتلار ئەمدى بۇ سودىنى تور ئارقىلىق ناھايىتتى ئاسانلا قىلالايدىغان بولدى.
2000- يىلى 12- ئايدا ئامېرىكا «قەرەللىك مال سودىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، بارلىق پېرېۋوت سودىگەرلىرى چوقۇم ئامېرىكا قەرەللىك مال سودا جەمئىيىتى (NFA) ۋە ئامېرىكا تاۋار، قەرەللىك مال سودا كومىتېتى (CFTC) دا روھى خەتكە ئېلىنغان بولۇشى، ھەمدە بۇ ئاپپاراتلارنىڭ كۈندىلىك نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن تور كاپالەتلىك تاشقى پېرېۋوت سودىسى قېلىپلىشىش، تەرەققى قىلىش يولىغا ماڭدى.

2008年9月1日

بۈگۈنكى بازار ئەھۋالى

1. EUR بىلەن USD :
EUR ئالدىنقى ھەپتىدە ئاساسى جەھەتتىن چۈشۈش يۈزلىنىشىدە بولدى، چۈشۈش يۈزلىنىشى بارغانچە ئاستىلاپ، ئۇل چىڭداش ھالىتىدە تۇردىئەمما USD نىڭ داۋاملىق يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلىشى تەسىرىدە EUR يەنىلا ئاجىز ئورۇندا بولۇپ، ھەر قېتىملىق قاڭقىشتا ئوخشاشلا ئالدىنقى قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىدى. بۈگۈن EUR داۋاملىق چۈشىشى مۇمكىن، دەسلەپكى تىرەك 1.4570 ئەتىراپىدا، كۈچلۈك تىرەك 1.4510 ئەتىراپىدا بولۇشى مۇمكىن.
2. GBP بىلەن USD
GBP نىڭ يۈزلىنىشى چۈشۈش. تۆت سائەتلىك K سىزىق ھالىتىدىن قارىغاندا GBP ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى چۈشۈشنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن. نۆۋەتتىكى MACD سىزىقىنىڭ ئاغزىمۇ تۆۋەنگە قاراپ ئېچىلغان بولۇپ، بۇ چۈشۈش يۈزلىنىشىنىڭ يەنىلا بىر قەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. پەرەزگە ئاساسلانغاندا بۈگۈن GBP داۋاملىق يېڭى تۆۋەن نۇقتا ھاسىل قىلىشى مۇمكىن.
3. USD بىلەن JPY
USD بىلەن JPY يەنىلا چوڭ دائىرىدا تەۋرىنىدۇ. ئالدىنقى جۈمە كۈنى تىرەك – 108.8 نى بۆسۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، باھا داۋاملىق تۆۋەنلەپ باردى. USD بۈگۈن سەھەر ئاسىيا بازىرىدا بىرىنچى تىرەك – 108.13 كە يېقىنلاشتى، ياۋروپا بازىرى ئېچىلغاندا USD نىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىدىن ئۈمىد زور، ھەمدە ئۆسۈپ 109.1 ئەتىراپىدا قارشىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى تىرەك 108.1 نىڭ بۇزۇلۇش ئېھتىماللىقى يەنىلا زور.
4. USD بىلەن CHF
USD بىلەن CHF ئالدىنقى ھەپتە 1.0880 دە مۇقىملاشقاندىن كېيىن، كېيىنكى بازار ئۆسۈش بولۇشى مۇمكىن. لېكىن تەۋرىنىش يەنىلا ناھايىتتى روشەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق تەۋرىنىشتە باھا ئالدىنقى مەزگىلدىكى يۇقىرى نۇقتا 1.1085 ئەتىراپىغا بېرىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى توساق 1.1085، لېكىن ئامېرىكا ۋە شىۋتسارىيە ھۆكۈمەتلىرى بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرىمۇ ئاز ئەمەس. 1.1040 نۇقتا بۇ ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك توساق بولۇشى مۇمكىن.
5. USD بىلەن CAD
ئۆتكەن جۈمە كۈنى USD بىلەن CAD ھالقىلىق توساق – 1.0560 نى بۆسۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، باھا زور دەرىجىدە ئۆستى. K سىزىق ھالىتىدىن قارىغاندا، باھا 1.0560 نى بۆسۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، يەنىلا زور دەرىجىدە ئۆسۈشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ قېتىمقى ئۆسۈش نىشانى 1.0700 ئەتىراپىدا، يۇقىرى نۇقتىدىكى تەۋرىنىش1.0560 بىلەن 1.0410 ئەتىراپىدا بولۇشى مۇمكىن.
6. AUD بىلەن USD
AUD بۈگۈن يەنىلا چۈشۈش ھالىتىنى ساقلىشى مۇمكىن. ئۆتكەن جۈمە كۈنى USD كۈچلۈك قاڭقىش ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، AUD يەنە بىر قېتىم چۈشتى. بۇ ھەپتە مۆلچەرلەنگەن ئەڭ تۆۋەن تىرەك 0.8490، ھەتتا ئەڭ تۆۋەن نۇقتا كۆرۈلىشىمۇ مۇمكىن. ئەڭ يۇقىرى توساق 0.8693 بولۇشى مۇمكىن.
مەنبە: «cnforex»

2008年8月29日

تاشقى پېرېۋوتقا دائىر تارىخى ۋەقەلەر

1944- يىلى: «بورستون ئورمانلىقى ئەھدىنامىسى» تۈزۈلۈپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يەرشارى ئىقتىسادى تۇراقلاشتۇرۇلدى.
1971- يىلى: «سىمىتسۇنىئان ئەھدىنامىسى» (ۋاشىنگتوندىكى سىمىتسۇنىئان ئىنستېتوتىدا تۈزۈلگەن) تۈزۈلۈپ، لەيلىمە پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە بولۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
1972- يىلى: ياۋروپادا بىرلىككە كەلگەن لەيلىمە پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈلمىسى ئورنىتىلىپ، ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزمەكچى بولدى.
1973- يىلى: سىمىتسۇنىئان ئەھدىنامىسى ۋە ياۋروپانىڭ بىرلىككە كەلگەن لەيلىمە پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈلمىسى يىمىرىلىپ، ئەركىن پېرېۋوت نىسىبىتى تۈزۈلمىسىنىڭ رەسمى شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
1978- يىلى: ياۋروپا پۇل تۈزۈلمىسى كېڭەيتىلىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۈزمەكچى بولدى.
1978- يىلى: IMF ئەركىن پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈلمىسىنى رەسمى باشقۇرۇشقا ئۆتتى.
1993- يىلى: ياۋروپا پۇل تۈزۈلمىسىنىڭ يىمىرىلىشى دۇنيا مىقىياسىدىكى ئەركىن پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈلمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

2008年8月27日

مەركىزى بانكىلارنىڭ پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشى(5)

ياۋروپا پۇل سىستېمىسىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 1992- يىل 9- ئايدىكى پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشى. 1992- يىل 9- ئايدا ياۋروپا پۇل سىستېمىسىدا كىرزىس كۆرۈلۈپ، پېرېۋوت بازىرىداياۋروپا پۇل سىستېمىسىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ دېگۈدەك پۇللىرى كاساتلىشىپ، ئەنگىلىيە فونستىرلىڭى، ئىتالىيە لېراسى، ئېرلاندىيە پوندى قاتارلىق پۇللارنىڭ قىممىتى زور ھەجىمدە چۈشۈپ كەتتى. بۇنىڭ تەسىرىدە ياۋروپا پۇل سىستېمىسىغا تەۋە بولمىغان فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇل قىممىتىمۇ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىپ، بۇ دۆلەتلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ياۋروپا پۇل سىستېمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ قېتىمقى ئارىلىشىشتا ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىنتايىن زور بەدەللەرنى تۆلەپ ئۆز دۆلىتى پۇلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى: گىرمانىيە مەركىزى بانكىسى 12 مىليارد دوللاردىن كۆپرەك، ئەنگىلىيە 6 مىليارد دوللارغا يېقىن مەبلەغ سەرپ قىلدى. يەنە كېلىپ گىرمانىيە مەركىزى بانكىسى پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن فىرانسىيىدىن ئارىيەت ئالغان مەبلەغنى شۇ يىلى 11- ئاينىڭ بېشىدا ئاران قايتۇرۇپ بولدى. بۇ قېتىملىق ئارىلىشىش ياۋروپا پۇل سىستېمىسىدا كۆرۈلگەن زىددىيەتنى ئاز- تولا پەسكويغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمىدى.
مەركىزى بانكىلارنىڭ پېرېۋوت بازىرىغا بىۋاستە ئارىلىشىش نەتىجىسىدىن مۇنداق بىر تۈپ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ، يەنى بازار ئىگىلىكى ۋە لەيلىمە پېرېۋوت تۈزۈمى شارائىتىدا، پېرېۋوت نىسبىتى پۈتۈنلەي بازار تەرەپىدىن بەلگىلىنىشى كېرەك. ئەگەر تەمىنلەش- تەلەپ مۇناسىۋىتى پېرېۋوت نىسبىتىنى ئۇزاق مەزگىلگىچە تەڭشەپ بارىدۇ دېگەنگە ئىشەنسەك، مەركىزى بانكىلارنىڭ ئارىلىشىشى پەقەتلا قىسقا مۇددەتلىك ئۈنۈم بېرىدۇ، ياكى شىددەتلىك ئۆسۈش ۋە چۈشۈش ۋەزىيىتىنى ئاز- تۇلا كونترول قىلالايدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا بۇ ئارتۇقچە ئاۋارە بولغانلىق خالاس. پېرېۋوت نىسبىتىنى ھەقىقىي كونترول قىلىش توغرا كەلسە، مەركىزى بانكىلار پەقەت مۇقىم پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك. ۋاھالەنكى مۇقىم پېرېۋوت تۈزۈمى نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتىدە كارغا كەلمەيدۇ، شۇڭا بىز بۇ ھەقتە مۇھاكىمە ئېلىپ بارمايمىز. لېكىن پېرېۋوت بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن مەركىزى بانكىلارنىڭ پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشىنىڭ سەۋەبى، يوللىرى، ئۈنۈمى ۋە قانۇنىيىتىنى ئېنىق بىلىۋېلىش مەبلەغ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تولىمۇ مۇھىم. (تۈگىدى)

مەركىزى بانكىلارنىڭ پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشى(4)

ئامېرىكا قاتارلىق 13 سانائەت دۆلىتىنىڭ مەركىزى بانكىلىرى بىرلىشىپ 8- ئاينىڭ 11- كۈنى پېرېۋوت بازىرىغا يەنە بىر قېتىم ئارىلاشتى. ئەمما بۇ قېتىملىق ئارىلىشىشنىڭ ئۈنۈمى ئالدىنقى قېتىمقىدىنمۇ تۆۋەن بولۇپ قالدى.بىرىنچى قېتىملىق ئارىلىشىش نەتىجىسىدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ماركقا ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتى 1.4620 نۇقتىدىن قاڭقىپ 1.4780 نۇقتىغا يېقىنلىشىپ، ئاران 150 نۇقتا ئۆستى، يەنە كلېىپ بۇ ئۆسۈش پەقەت يېرىم سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇندىن كېيىن ئامېرىكا دوللىرى قايتىدىن چۈشۈشكە باشلىدى. ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا 1.4715، 1.4730 ۋە 1.4770 نۇقتىلاردا ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ماركنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتىگە تۆت قېتىم ئارىلىشىپ، ماركنى قولدىن چىقىرىپ ئامېرىكا دوللىرىنى سېتىۋالدى. لېكىن بۇ قېتىم ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدە ئازراقلا قاڭقىش كۆرۈلدى. شۇ قېتىملىق ئارىلىشىشقا ئامېرىكا قاتارلىق سانائەت دۆلەتلىرى جەمئى 1 مىليارد دوللاردىن 1 مىليارد 500 مىليون دوللارغىچە مەبلەغ سەرپ قىلدى. ئەمما ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى يەنىلا چۈشۈپ پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشتىن ئاۋۋالقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى.
بۇ قېتىمقى ئارىلىشىش شۇنىڭ ئۈچۈن مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملاندىكى، يۇقىرىدا دىيىلگەن سىياسەت ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدىكى ئارىلىشىشتىن باشقا، پېرېۋوت بازىرىدا بۇنداق ئارىلىشىشلارغا ئالدىن تەييارلىقنىڭ بولغانلىقىمۇ مۇھىم بىر سەۋەب. پېرېۋوت بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بازارغا ھەممىدىن بەك تەسىر كۆرسىتىدىغىنى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بولۇپ، يۈز بېرىشى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ۋەقەلەر پېرېۋوت بازىرىدا ھامان ئالدىن شەپە بەرمەي قالمايدۇ. بۇ بىرىنچى قېتىملىق ئارىلىشىشنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئارىلىشىشقا قارىغاندا ئۈنۈملۈكرەك بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئەمما بۇ ئىككى قېتىملىق ئارىلىشىش ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ چۈشۈش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمىدى، سەۋەبى مەركىزى بانكىلار پېرېۋوت بازىرىنى دوللارنىڭ پېرېۋوت باھاسىنىڭ بازار باھاسىدىن يۇقىرى بولۇشىغا ئىشەندۈرەلمىدى. (داۋامى بار)

2008年8月26日

مەركىزى بانكىلارنىڭ پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشى(3)

1992- يىلى ياز پەسلىدىكى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرىنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشى. گىرمانىيىنىڭ يۇقىرى ئۆسۈم سىياسىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ كەڭ پۇل سىياسىتىنىڭ تەسىرىدەپېرېۋوت بازىرىدا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قايتا گۈللىنىشىگە نىسبەتەن ئۈمىدسىزلىك پەيدا بولۇپ، كىشىلەر ھەدەپ ئامېرىكا دوللىرىنى سېتىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بارلىق ياۋروپا دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىغا پېرېۋوت قىلىنىش باھاسى ئۆزلۈكسىز چۈشۈپ باردى. بۇ خىل ۋەزىيەتكە قارىتا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مەركىزى بانكىلىرى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى ۋە 8- ئاينىڭ 11- كۈنى ئىككى قېتىم پېرېۋوت بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە ئارىلاشتى. خاراكتىر جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ ئىككى قېتىملىق ئارىلىشىش ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز ئىقتىسادى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدىكى ئارىلىشىش بولۇپ، ۋاقىتلىق ئۈنۈم بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلاشتى.
7- ئاينىڭ 20- كۈنى مارك بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتى 1991- يىلى 2- ئايدىكى يېڭى يۇقىرى نۇقتا 1.4430 غا يېقىنلاپ قالغان چاغدا، ئامېرىكا قاتارلىق 15 سانائەت دۆلىتىنىڭ مەركىزى بانكىلىرى بىرلىشىپ بازاردا ماركتىن ۋاز كېچىپ ئامېرىكا دوللىرىنى سېتىۋېلىشقا باشلىدى. ئۈچ قېتىملىق ئارىلىشىشتىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ماركقا ئالماشتۇرۇلۇش باھاسى 1.4470 نۇقتىن 1.5000 نۇقتىغا ئۆسۈپ، ئىككى كۈن ئىچىدە 500 نۇقتىدىن كۆپرەك قاڭقىدى. ئەمما بۇ قېتىملىق ئارىلىشىش ئامېرىكا دوللىرىنىڭ چۈشۈش يۆنۈلىشىنى توسۇپ قالالمىدى. يېرىم ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان كىچىك دائىرىلىك تەۋرىنىشتىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرى داۋاملىق چۈشۈشكە باشلىدى (داۋامى بار) .

مەركىزى بانكىلارنىڭ پېرېۋود بازىرىغا ئارىلىشىشى(2)

بەش سانائەت دۆلىتىنىڭ 1985- يىلى 9- ئايدىكى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشى. ئەگەر 70- يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرىنىڭ پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشى بىر قېتىملىق ئۇزاققا سوزۇلغان مەغلۇبىيەتلىك ئۇرۇش دىيىلسە،بەش سانائەت دۆلىتىنىڭ 1985- يىلى 9- ئايدىكى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشىنى بىر قېتىملىق تېز ئېلىپ بېرىلغان غەلىبىلىك ئۇرۇش دىيىشكە بولىدۇ. رېگىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئىزچىل ئۆسۈپ، 1985- يىلى 2- ئاينىڭ 25- كۈنىگە كەلگەندە ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى. شۇ كۈنى بىر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ماركقا پېرېۋود قىلىنىش نىسبىتى 3.4794 بولدى. ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدىكى تەڭشىلىشتىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرى شۇ يىلى 9- ئايدا يەنە ئۆسۈشكە باشلىدى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ مالىيە مېنىستىرلىرى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلىرى نيو- يورك مەيدانى مېھمانخانىسىدا پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، 9- ئاينىڭ 22- كۈنى (يەكشەنبە) بۇ بەش دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا بەش دۆلەتنىڭ مالىيە مېنىستىرلىرى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلىرى «باشقا پۇللارنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا پېرېۋود قىلىنىش باھاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، زۆرۈر تېپىلغاندا داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، پېرېۋود بازىرىغا بىردەك ئارلىشىش» تەك پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە پېرېۋود بازىرىدا دوللارنىڭ قىممىتى زور ھەجىمدە چۈشۈپ، ماركقا ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتى 2.7352 نۇقتىدىن 2.6525 نۇقتىغا تۆۋەنلەپ، چۈشۈش نىسبىتى ٪3 تىن ئېشىپ كەتتى. ئامېرىكا دوللىرى شۇندىن ئېتىبارەن تاكى 1986- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزچىل چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە ۋە گىرمانىيە مەركىزى بانكىلىرى ئامېرىكا دوللىرىنى يۆلەش تەدبىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى، ئەمما بۇ تەدبىرنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى داۋاملىق چۈشۈۋەردى، پەقەت 1987- يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى پېرېۋود بازىرىغا قايتا ئارلاشقاندىن كېيىنلا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئاندىن چۈشۈشتىن توختىدى. ئەمما 1985- يىلى 9- ئايدىكى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشنىڭ تەسىرى تۈگىدىمۇ- يوق؟ پېرېۋود بازىرىدا بۇ ھەقتىكى تالاش- تارتىشلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بەزىلەر: «ئامېرىكا دوللىرى بەش دۆلەت پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشتىن ئىلگىرىلا كۈچىيىشكە باشلىغان، يەنى مەركىزى بانكىلار پېرېۋود بازىرىغا ئارلاشمىغان تەغدىردىمۇ، ئامېرىكا دوللىرى 9- ئايدىكى قاڭقىشتىن كېيىن داۋاملىق كۈچىيىشى مۇمكىن ئىدى» دەپ قارىدى. لېكىن كۈپ سانلىق كىشىلەر: «بۇ قېتىمقى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشنىڭ تەسىرى يەنىلا داۋاملىشىدۇ» دەپ قارىدى.
بەش دۆلەتنىڭ بۇ قېتىمقى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشى غەلىبىلىك بولدى دىيىلسە، بۇنىڭدا «سىگنال تەسىرى» مۇھىم رول ئوينىدى. بەش دۆلەت پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشنىڭ ئىككى ھەپتىدە ئالدى- كەينىدە پېرېۋود نىسبىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، لېكىن سانائەت دۆلەتلىرى ئارا ئۆسۈم نىسبىتى پەرقىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى. شۇ يىلى 10- ئايدا ياپونىيە كرېدىت بازىرىدا قىسىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېينلا، ئۆسۈم نىسبىتى پەرقىدە ئاندىن ھەقىقى ئۆزگىرىش بولدى. ئەمما بەش دۆلەتنىڭ بۇ قېتىمقى ئارلىشىشى پېرېۋود بازىرىدا ئاز دېگەندە بۇنداق ئىككى تۈرلۈك كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. بىرىنچىدىن، بۇ قېتىمقى بايانات پېرېۋود بازىرىدا بەش سانائەت دۆلىتى تولۇق ماسلىشىپ، پېرېۋود بازىرىغا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئارلىشىدۇ، دەيدىغان تونۇشنى پەيدا قىلدى. دەرۋەقە كېيىنكى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەركىزى بانكىلار پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشتا ھەقىقەتەن دېگىنىنى قىلدى. ئىككىنچىدىن، بۇ قېتىمقى بايانات ئامېرىكىنىڭ پېرېۋود سىياسىتىدە زور ئۆزگىرىش قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. رېگىن ھۆكۈمىتى باشتىلا بازارنى ئەركىن رىقابەتكە قويۇۋېتىشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتتى، لېكىن باشقا دۆلەت مەركىزى بانكىلىرىنىڭ پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى. ئامېرىكا بىلەن باشقا دۆلەت مەركىزى بانكىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشى كىشىلەرنى ئامېرىكىنىڭ باشقا سانائەت دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۇل سىياسىتى ۋە ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى تەڭشەش، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىغا ئىشەندۈردى. (داۋامى بار)

2008年8月5日

مەركىزى بانكىلارنىڭ پېرېۋود بازىرىغا ئارىلىشىشى (1)

1973- يىلىدىن ھازىرغىچە، سانائەت دۆلەتلىرىنىڭ مەركىزى بانكىلىرى دائىم پېرېۋود بازىرىغا بىۋاستە ئارلىشىپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كۆلۈمى بىر قەدەر زور بولغىنى بەش قېتىم بولۇپ، غەلىبىلىك بولغانلىرى ۋە بولمىغانلىرىمۇ بار.
1976- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئاجىز تەسىرى. 1974- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە داۋاملاشقان دۇنيا ئىقتىسادى كىرزىسىدىن كيىن، ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى، ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى. كات ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كېڭىيىش خاراكتىرىدىكى مالىيە ۋە پۇل سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى. ئۆسۈم ئۆسۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، بۇنىڭ بىلەن پېرېۋود بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى ئۆزلۈكسىز چۈشۈپ، پېرېۋود نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەپ باردى.
ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ چۈشۈش ۋەزىيىتىگە قارىتا، كات ھۆكۈمىتى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشنى قارار قىلدى. 1978- يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرى كات ھۆكۈمىتى بىر تۈرلۈك پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويدى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى پۇل سىياسىتىگە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈلمىگەچكە، پېرېۋود بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئەكسىچە شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتتى. گىرمانىيە ماركى ۋە ياپونىيە يىنى قىممىتىنىڭ ئۆسۈشىدەك غايەت زور بېسىم ئاستىدا، گىرمانىيە ۋە ياپونىيە مەركىزى بانكىلىرى پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك شەرتى ئاستىدا پېرېۋود بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە ئارىلىشىشقا مەجبۇر بولدى، يەنى بۇ ئىككى دۆلەت ئۆز پۇللىرىنى زور مىقداردىكى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇردى. لېكىن بۇنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن بولدى.
1978- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى زۇڭتۇڭ كات ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋود نىسبىتىنىڭ بەكلا تۆۋەنلىكىنى، ئامېرىكا مالىيە مېنىستىرلىكى ۋە مەركىزى بانكىسىنىڭ پېرېۋود بازىرىغا بىۋاستە ئارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئالدىنقى ھەپتىدە يولغا قويۇلغان پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرۇش پىلانى سۇغا چىلاشقانقالىقتىن، زۇڭتۇڭ كات بۇ قېتىم ئېلان قىلغان تاشقى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىش بۇنداق ئىككى تۈرلۈك مۇھىم سىياسى بۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىرىنچىدىن، پۇل قىسىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش. ئامېرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل بانكىسى دىسكونت نىسبىتىنى بىر پوئىنت ئۆستۈرۈپ، دىسكونت نىسبىتىنى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا _ ٪9.5 كە يەتكۈزۈش، بۇ ئارقىلىق بۇ قېتىمقى تاشقى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشقا سىياسى تۈس بېرىش. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى 30 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجىرتىپ تاشقى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىش، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋود نىسبىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش. بۇنىڭدا 15 مىليارد دوللار مەبلەغنى باشقا بانكىلاردىن ئارىيەت ئېلىش، 5 مىليارد دوللارنى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىن ئېلىش ۋە ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىش، 5 مىليارد دوللارنى ئاتالمىش «كات زايومى» (Catter bonds) تارقىتىش يولى بىلەن غەملەش، يەنى ئامېرىكا مالىيە مېنىستىرلىكى چەتئەللەردە ساتقان مارك ۋە شىۋتسارىيە فىرانىكى بويىچە ھېسابلىنىدىغان زايوم ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈش. كات پىلانى ئېلان قىلىنغاندىن كيىن، تاشقى پېرېۋود بازىرىدا دەرۋەقە تەۋرىنىش بولدى. بولۇپمۇ بىرىنچى تۈرلۈك پىلان _ پۇل قىسىشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولدى. 11- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ماركقا ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتى ئالدىنقى كۈنىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىدىن ٪37.25 ئۆرلىدى، يەنى بىر ئامېرىكا دوللىرى 1.83 ماركقا توغرا كەلدى. نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، ئامېرىكا مەركىزى بانكىسىنىڭ 69 مىليون مارك ۋە 19 مىليون شىۋتسارىيە فىرانىكىنى ستىپ چىقىرىشى بىلەن تەڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى داۋاملىق ئۆسۈپ، ماركقا ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتى ٪1 ئۆرلىدى، شىۋتسارىيە فىرانىكىغا ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتى ئۆرلەپ 1.567 گە يەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە يىنىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن 5 مىليون دوللار مەبلەغ ئىشقا سېلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ياپونىيە يىنىغا پېرېۋود قىلىنىش نىسبتىمۇ 187.5 يىنغا چۈشتى. شۇ كۈنى بازار يېپىلغاندا ئامېرىكا دوللىرى ئاساسلىق پېرېۋود قىلىنىدىغان پۇللارغا نىسبەتەن ٪7- ٪10 ئۆستى. شۇندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە پېرېۋود بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنى سېتىش شامىلى كۆتۈرۈلۈپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرى سىناققا دۇچ كەلدى، لېكىن ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى گىرمانىيە، شىۋتسارىيە ۋە ياپۇنىيە مەركىزى بانكىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پېرېۋود بازىرىغا ئارقا- ئارقىدىن تەسىر كۆرسەتتى. 11- ئاينىڭ ئاخىرىغان كەلگەندە، ئامېرىكىنىڭ تاشقى پېرېۋود بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئومۇمى مەبلىغى 35 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، دوللارنىڭ قىممىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ئەمما 12- ئاينىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، تاشقى پېرېۋود بازىرىدا ئامېرىكىنىڭ پۇل قىسىش سىياسىتىنى ھەقىقى قوللانغان ياكى قوللانمىغانلىقى توغرىسىدا گۇمان تۇغۇلۇپ، ئامېرىكا دوللىرى يەنە كەڭ كۆلەمدە سېتىپ چىقىرىلىپ، قىممىتى قايتىدىن چۈشۈشكە باشلىدى. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرى پېرېۋود بازىرىغا داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئارلاشتى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىلا 30 مىليارد دوللار چىقىم قىلدى. لېكىن پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ باردى. 12- ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى 11- ئايدىكىدىنمۇ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ھەقىقى كۈچەيگەن ۋاقتى 1979- يىلى 10- ئاي بولۇپ، بۇ ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋل ۋوركا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ پۇل بىلەن تەمىنلەشنى كونترول قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن ئەھۋال. (داۋامى بار)

2008年8月4日

2) ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىدىكى سەۋەبلەر

20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 70- يىللىرىدىن بۇيان ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرى شىددەت بىلەن تەرەققى قىلدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر:
1. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا كىرىم- چىقىمىدىكى پاسسىپ بالانىس ئۆزلۈكسىز زورايدى. 1950- يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ دائىملىق خەلقئارا كىرىم- چىقىم تۈرلىرىدە پاسسىپ بالانىس كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 1958- يىلىدىن كېيىن خەلقئارادا كىرىم- چىقىم پاسسىپ بالانىسى يەنىمۇ زورايدى، 1971- يىلى 8- ئايدا ئۆزلۈكسىز ناچارلاشقان خەلقئارالىق كىرىم- چىقىم ۋە ئامېرىكا دوللىرى كىرزىسىنىڭ تەھدىتى تۈپەيلى، ئامېرىكا دوللارنى ئالتونغا ئالماشتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلالمايدىغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەر، بولۇپمۇ غەربى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ بانكىلىرىغا زور مىقداردىكى ئامېرىكا دوللىرى توپلاندى، بۇ ھەم ئۆز نۆۋىتىدە ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرىنىڭ مەبلەغ مەنبەسىگە ئايلىنىپ، ياۋروپانىڭ ئامېرىكا دوللىرى كىرىدىت كەسپىنى ئىلگىرى سۈردى. يەنە كېلىپ ئامانەت قەرز پاخاللىقى ئەكسىچە ياۋروپا ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرىدىكى سودا پائالىيىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز زورىيىشىغا تۈرتكە بولدى.
2. ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىياسىتىدىكى چەكلىمىلىك. بىرىنچىدىن، ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسىنىڭ Q خەتلىك نىزامى بويىچە، ئامېرىكىدىكى سودا بانكىلىرىنىڭ ئامانەت پۇل ئۆسۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ ھازىرقى ئۆسۈم نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەمما ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى بانكىلاردا بۇنداق چەكلىمە يوق. شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەبلىغى ھەدەپ ياۋروپا بازارلىرىغا ئېقىپ كىردى. ئىككىنچىدىن، M نىزامىغا ئاساسەن، ئامېرىكا سودا بانكىلىرى فدراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسىغا مەلۇم نىسبەتتە زاپاس ئامانەت پۇل تاپشۇرۇشى كېرەك، لېكىن ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرىدا بۇنداق بەلگىلىمە يوق. ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1963- يىلى چەتئەل پايچېكى سېتىۋالغان ئامېرىكا پۇقرالىرىدىن ئۆسۈم تەڭپۇلاشتۇرۇش بېجى (利息平衡税) ئېلىشنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرىدىن مەبلەغ جوغلاشقا مەجبۇرلىدى. بۇ ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.
3. ئىشلەپچىقىرىش ۋە كاپىتالنىڭ خەلقئارالىشىشى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى، لېكىن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا پائالىيىتىنى پۈتكۈل دۇنياغا كېڭەيتىش ئۈچۈن، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ جوغلانمىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە، باش شىركەت بىلەن تارماق شىركەتلەر، تارماق شىركەتلەر بىلەن تارماق شىركەتلەر ئارىسىدا مەبلەغ تەڭشەشكە، تېخىمۇ مۇھىمى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن ئوتتۇرا، قىسقا مۇددەتلىك كىرىدىت قەرزى ئېلىپ، بۇ قەرز ئارقىلىق ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلارنى يېڭىلاشقا توغرا كېلىدۇ. دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ھەم ياۋروپا پۇل بازارلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىن ئەتتى، ھەم ياۋروپا پۇل بازارلىرىدا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ياراتتى. شۇڭا ياۋروپا پۇل بازارلىرى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ غايەت زور تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېزلىكتە تەرەققى قىلدى.
4. 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە ئۆستى. 1973- يىلى ۋە 1979- يىلىدىكى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇدا ئىككى قېتىم ئۆسۈشى، 1973- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە ۋە 1979- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى قېتىم يەر شارى خاراكتىرلىك ئىقتىسادىي كىرزىس پەيدا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن نېفىت ئىكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ كىرىمى ھەسسىلەپ ئۆستى، ئەمما نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر غايەت زور خەلقئارا كىرىم- چىقىم پاسسىپ بالانىسىغا دۇچ كەلدى. شۇ سەۋەبلىك زور مىقداردىكى نېفىت ۋە ئامېرىكا دوللىرى ياۋروپا پۇل بازارلىرىغا ئېقىپ كىردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا پۇل مۇئامىلە بازارلىرىدىكى قەرز ئېلىشنىڭ قۇلاي بولۇشى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق كىرىم- چىقىم تەڭپۇڭسىزلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنى تولۇق مەبلەغ مەنبەسى بىلەن تەمىن ئەتتى.
5. 60- يىللادىن بۇيان، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى كۈنسېرى ئاجىزلىشىپ، ئامېرىكا دوللىرى ھە دېگەندە كىرزىسقا ئۇچرىدى، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا دوللىرىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىنى تالىشىپ سېتىۋالدى. يەنە كېلىپ غەربى ياۋروپا دۆلەتلىرى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆز دۆلىتىگە كەلگەن چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ ئۆز دۆلىتى پۇلىنى چىقىم ۋاستىسى قىلىشىنى چەكلىدى، بۇنىڭ بىلەن شۇ دۆلەتلەرنىڭ مەبلىغى ئۆز دۆلىتىدىن باشقا دۆلەتلەردە ئامانەت قويۇلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ياۋروپادا فونستىرلىڭ، فرانك، گوئىلدېر، شىۋتسىيە فرانكى قاتارلىق ياۋروپا پۇللىرى شەكىللەندى، ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرىمۇ مۇناسىپ ھالدا ياۋروپا پۇل بازارلىرىغا قاراپ تەدىرجى كېڭەيدى. ياۋروپا پۇل بازىرى شەكىللەنگەندىن كېيىن، دائىرىسى ئۆزلۈكسىز كېڭىيىپ، ناھايىتتى تېزلا ئاسىيا، شىمالى ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىىغا يېتىپ باردى.

ياۋروپا پۇل بازىرىنىڭ شەكىللىنىشى

ياۋروپا پۇل بازىرىدا ئەڭ دەسلەپتە پەيدا بولغىنى ئامېرىكا دوللىرى بولدى. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە ئامېرىكا دۆلىتىمىزنىڭ ئامېرىكىدىكى مەبلىغىنى توڭلىتىۋەتتى.سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بۇنداق زىيانغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى مەبلىغىنى يۆتكەپ كەتتى. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئەينى چاغدا مەبلىغىنىڭ كۆپ قىسمىنى لوندونغا يۆتكەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى تەركىپ بولۇپ قالدى. 1957- يىلى فونستىرلىڭ كىرزىسى كۆرۈلدى. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى فونستىرلىڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۆز دۆلىتىدىكى سودا بانكىلىرىنىڭ فونستىرلىڭ رايونىنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەرنى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىشىنى قاتتىق چەكلىدى. لوندوندىكى سودا بانكىلىرى كىرىدىت كەسپىنى كېڭەيتىش ۋە سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزلىرى توپلىغان ئامېرىكا دوللىرى ئامانىتىنى قەرز پۇل قىلىپ تارقاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا سىرتىدىكى ئامېرىكا دوللىرى كىرىدىت بازىرى لوندوندا شەكىللەندى. بۇ بازار دەل پاۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازىرىدۇر.

ياۋروپا پۇل بازىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى

پېرېۋود سودىسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى – ياۋروپادىكى تېز سۈرئەتتە راۋاجلانغان ئامېرىكا دوللىرى بازىرىدۇر (ياۋروپا بازىرى _ مەبلەغ پۇل ئىگىسى بولغان دۆلەتتىن باشقا دۆلەتلەردە ساقلىنىدىغان بازارنى كۆرسىتىدۇ). ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرىدا ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكا چىگرىسى سىرتىدىكى بانكىلارغا قويۇلىدۇ. ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرى 20- ئاسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە ئامانەت پۇلنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرەپىدىن توڭلىتىۋېتىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نېفىتتىن قىلىنغان كىرىمنى (دوللار بويىچە ھېسابلانغان) ئامېرىكا سىرتىدىكى بانكىلاردا ساقلايىتتى. بۇنىڭ بىلەن باشقا دۆلەتلەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىدىن مۇستەسنا بولغان غايەت زور سوممىلىق ئامېرىكا دوللىرى غەزىنىسى شەكىللەندى. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخسۇس قانۇن تۇرغۇزۇپ ئامېرىكا دوللىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە قەرز قىلىپ بېرىشكە چەك قويدى، لېكىن ياۋروپا بازارلىرى خېلى زور دەرىجىدە ئەركىن، يەنە كېلىپ پايدىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ئالاھىدە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى. 80- يىللارنىڭ ئاخىرى، ئامېرىكا شىركەتلىرى چىگرا سىرتىدىكى بازارلاردىن مەبلەغ كىرگۈزۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتلەر ياۋروپا بازارلىرىدا غايەت زور ئايلانما مەبلەغكە ئېرىشىپ، قىسقا مۇددەتلىك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىمپورت- ئىكسپورت مەبلىغى جوغلاش ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ قۇلايلاشتى.
ئەينى چاغدا ئامېرىكىغا نىسبەتەن چىگرا سىرتىدىكى ئاساسلىق بازار بولغان لوندون ھازىرمۇ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى مۇھىم ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى، ئەنگىلىيە بانكىسى يەر شارى پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكى يېتەكچى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا دوللىرىنى فونستىرلىڭ ئورنىدىكى پۇل قاتارىدا قەرز پۇل قىلىپ تارقىتىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى مەركىزى بازىرى شەكىللەندى. لوندوننىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمۇ (ئاسىيا ۋە ئامېرىكا بازارلىرىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان) ئۇنىڭ ياۋروپا بازىرىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇشىنى بەلگىلىگەن.
2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 3- قېتىملىق پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ئىشلەپچىقىرىش ۋە كاپىتالنىڭ خەلقئارالىشىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ئەنئەنىۋى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازارلىرى بۇ خىلدىكى خەلقئارالىشىشنىڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشالمىدى. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 60- يىللىرىنىڭ باشلىرى مەبلەغ كۆلۈمى غايەت زور بولغان، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلىگە دائىر قانۇن- بەلگىلىمىلىرىنىڭ چەكلىمىسى ۋە نازارىتىگە ئۇچرىمايدىغان يېڭى تىپتىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرى شەكىللىنىپ، كىشىلەر بۇ پۇل مۇئامىلە بازىرى ئارقىلىق ھەرقانداق بىر دۆلەتتە شۇ دۆلەت پۇلىنى ئامانەت قويالايدىغان، قەرز ئالالايدىغان، مەبلەغ سالالايدىغان، ئاكسىيە تارقىتالايدىغان ۋە سودا- سېتىق بىلەن شوغۇللىنالايدىغان بولدى. بۇ بازار كىشىلەر تەرەپىدىن ياۋروپا پۇل بازىرى دەپ ئاتالدى. ياۋروپا پۇل بازىرىنىڭ تەرەققىياتى دۇنيا سودىسى، پۇل مۇئامىلىسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

ئالتۇن پۇل بىرلىكى تۈزۈمى ۋە ئامېرىكا دوللىرى

ھازىرقى تاشقى پېرېۋود بازىرى (FX ياكى Forex) 1973- يىلىدىن ئېتىبارەن شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئەمما مىسىر فرەۋىنلىرى دەۋرىدىن باشلاپلا پۇللار بىر خىلدىن يەنە بىر خىلغان توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرغان. قەدىمكى بابىللىقلارتارىختا تۇنجى بولۇپ قەغەز پۇل ئىشلەتكەن مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغا بولسىمۇ، لېكىن ئوتتورا شەرقتىكى پۇل سودىگەرلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپ پۇل سودىسى بىلەن شوغۇللانغان سودىگەرلەر بولۇپ، ئۇلار بىر دۆلەتنىڭ مېتال پۇلىنى يەنە بىر دۆلەتنىڭ مېتال پۇلىغا ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى. كىشىلەرنىڭ تاللاش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ مېتال پۇللاردىن باشقا پۇللارنىمۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. قەغەزدىن ياسالغان بۇ ئالاھىدە تالۇن ئۆز ۋاقتىدا ئۈچىنچى بىر تەرەپكە پۇل تۆلەشنىڭ ۋاستىسى قىلىنغان بولۇپ، بۇ شۇ چاغدىكى سودىگەرلەرنىڭ پېرېۋود ئالماشتۇرۇشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانىدى.
ئوتتۇرا ئەسىردىكى پېرېۋود ئالماشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن 1- دۇنيا ئۇرۇشىغىچە بولغان مەزگىلدە، پېرېۋود بازىرى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ھايانكەشلىك قىلمىشلىرى كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. لېكىن 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، پېرېۋود بازارلىرىدا بىر قىسىم زور داۋالغۇشلار كۆرۈلۈشكە باشلاپ، ھايانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرى ئىلگىركى ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا 10 ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيدى.
1967- يىلى، چىچاگودىكى بىر بانكا Milton Friedman ئىسىملىك بىر ئالىي مەكتەپ فروفېسسورىغا فونستىرلىڭ قەرز بېرىشنى رەت قىلغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇ شۇ چاغدا قەرز ئېلىپ ئۇنى دوللارغا ئالماشتۇرماقچى بولغان. Friedman ئەپەندىنىڭ كۈزىتىشىچە شۇ چاغدا فونستىرلىڭنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇلۇش باھاسى بەكلا يۇقىرى بولۇپ، ئۇ ئاۋۋال فونستىرلىڭنى سېتىپ چىقىرىپ، قىممىتى چۈشكەندىن كېيىن فونستىلىڭنى قايتا سېتىۋېلىپ بانكا قەرزىنى تۆلىمەكچى بولغان، ھەمدە بۇ ئۇسۇل بىلەن پۇل تاپماقچى بولغان. چىچاگودىكى ھېلىقى بانكىنىڭ قەرز بېرىشنى رەت قىلىشىدىكى سەۋەب 20 يىل ئاۋۋال تۈزۈلگەن «بورستون ئورمانلىقى ئەھدىنامىسى» دىكى بەلگىلىمە بولۇپ، كېلىشىمدە ھەرقايسى دۆلەت پۇللىرىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتى مۇقىم قىلىپ بېكىتىلگەن، ھەمدە ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇننىڭ ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتىدە 35 ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بىر ئۇنسىيە ئالتۇنغا باراۋەر بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
«بورستون ئورمانلىقى ئەھدىنامىسى» 1944- يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا پۇللارنىڭ دۆلەتلەر ئارا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلقئارا پۇل ھايانكەشلىكىگە چەك قويۇش، شۇ ئارقىلىق خەلقئارادىكى پۇللارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش مەقسەت قىلىنغان. بۇ ئەھدىنامە تۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى ئالتۇن پۇل بىرلىكى تۈزۈمى 1876- يىلىدىن تاكى 1- دۇنيا ئۇرۇشىغىچە بولغان مەزگىلدە خەلقئارا ئىقتىساتتا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئالتۇن پۇل بىرلىكى تۈزۈمىدە، پۇللار ئالتۇن باھاسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆز مۇقىملىقىنى ساقلاپ كەلگەن. ئالتۇن پۇل بىرلىكى تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، قەدىمكى دەۋرلەردىكى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمرانلار پۇل قىممىتىنى خالىغانچە چۈشۈرىدىغان، شۇ ئارقىلىق پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىلدى. لېكىن ئالتۇن پۇل بىرلىكى تۈزۈمى ئەڭ مۇكەممەل تۈزۈممۇ ئەمەس. بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، شۇ دۆلەت چەتئەللەردىن زور مىقداردا تاۋار ئىمپورت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئىمپورت قىلىش تاكى شۇ دۆلەت پۇلى قىممىتىگە تىرەك بولۇپ كېلىۋاتقان ئالتۇن زاپىسى تۈگىگەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. نەتىجىدە بۇ پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقتدارىنىڭ كېمىيىشىنى، ئۆسۈمنىڭ ئۆسۈشىنى، ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنىڭ سۇسلىشىشى، ھەتتا خارابلىشىشىنى، ئەڭ ئاخىرىدا تاۋار باھاسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما نىسبىي تۆۋەن بولغان مال باھاسى باشقا دۆلەتلەرنى شۇ دۆلەتنىڭ ماللىرىنى تالىشىپ سېتىۋېلىشقا جەلىپ قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن شۇ دۆلەتكە قايتىدىن ئېقىپ كىرىدۇ، ھەمدە بۇ تاكى شۇ دۆلەتنىڭ پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئاشقان، ئۆسۈم نىسبىتى چۈشكەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شۇ دۆلەتتە قايتىدىن بايلىق ھاسىل بولىدۇ. «گۈللىنىش – خارابلىشىش» تىن ئىبارەت بۇ ئەندىزە ئالتۇن پۇل بىرلىكى تۈزۈمىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، 1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشى بىلەن سودا ئوبرىتى ۋە ئالتۇننىڭ ئەركىن ئالماشتۇرۇلۇشى بىر ئىزدا توختاپ قالدى.
بىر قانچە قېتىملىق كەسكىن ئۇرۇشلاردىن كېيىن، «بورستون ئورمانلىقى ئەھدىنامىسى» مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭدا ئەھدىنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر ئۆز دۆلەت پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى مۇقىم ھالەتتە ساقلاش، ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا شۇ دۆلەت پۇللىرىنىڭ ئالتۇنغا ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر كىچىك دائىرىدە تەۋرىنىشىگە يول قويۇش بىرلىككە كېلىنگەن. بۇ ئەھدىنامىدە يەنە دۆلەتلەرنىڭ سودىدا پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۆز دۆلىتى پۇللىرىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈشى چەكلىنىدىغانلىقى، پۇل قىممىتىنىڭ چۈشىشىنىڭ ٪10 تىن تۆۋەن بولۇشقىلا يول قويۇلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىغا كەلگەندە، خەلقئارا سودا مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتىن ھاسىل بولغان زور كۆلەمدە مەبلەغ يۆتكەش ئىھتىياجى «بورستون ئورمانلىقى ئەھدىنامىسى» دا بېكىتىلگەن پېرېۋود نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى .
بۇنىڭ بىلەن 1971- يىلى تۈزۈلگەن «بورستون ئورمانلىقى ئەھدىنامىسى» بىكار قىلىنىپ، ئامېرىكا دوللىرى ئالتۇنغا بىۋاستە ئالماشتۇرۇلمايدىغان بولدى. 1973- يىلىغا كەلگەندە، ئاساسلىق سانائەت دۆلەتلىرى پۇللىرىنىڭ پېرېۋود نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشى تېخىمۇ ئەركىن ھالەتكە ئۆتۈپ، پېرېۋود نىسبىتى ئاساسلىقى پېرېۋود بازىرىدىكى پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ۋە ئېھتىياج تەرەپىدىن تەڭشىلىپ بارىدىغان بولدى. 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىكى سودا مىقدارى ۋە سودا سۈرئىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېشىشىغا، پېرېۋود نىسبىتىنىڭ ھەر كۈنى ئۆزگىرىپ تۇرۇشىغا، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، بازار ۋە سودا تېخىمۇ ئەركىن ھالەتكە قەدەم قويدى.
20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىغا كەلگەندە، كومپيۇتېر ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار يېڭى تېخنىكىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە، دۆلەت ھالقىغان كاپىتال ئالماشتۇرۇشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاسىيا، ياروپا، ئامېرىكا بازارلىرى بىر گەۋدىگە ئايلاندى. پېرېۋود سودا مىقدارى 80- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى 7 تېرلىئون ئامېرىكا دوللىرىدىن شىددەت بىلەن ئېشىپ، بۈگۈنكى 15 تېرلىئون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

سۆز بېشى

تاشقى پېرېۋوت بازىرى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يېڭى شەيئى. مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىزدە بۇ بازارغا كىرىدىغانلار يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كۈنسېرى كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ.پېرېۋوت سودىسىغا ئەڭ دەسلەپ كىرىشكەنلەر بىر مۇنچە ئەگىر- توقاي جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆزىگە چۇشلۇق تەجىربە توپلاپ، بۈگۈنكى كۈندە خېلى ئوبدانلا پايدا ئالالايدىغان سەۋىيىگە يەتتى. دۇنيادا پېرېۋوت سودىسىغان دەيدىغان بىر سودىنىڭ بارلىقىنى ئەمدىلەتىن بىلگەن، بۇ سودىنىڭ ئېپى- چىپىنى ئازراق بىلىۋالغانلار ئەمەلىي سودىغا قارغۇلارچە كىرىشىپ كېتىپ، ھە دېگەندە زىيان تارتىۋالدى، بەزىلەر ھەتتا خانىۋەيران بولۇپ كەتتى. بىزدە سودا مەيدانى _ جەڭ مەيدانى دەيدىغان گەپ بار. پېرېۋوت سودىسى تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، ئۇ جەڭ ئەڭ كەسكىن بولىدىغان مەيدان. بۇ مەيدانغا كىرگۈچى تىرىشچان، تەجىربىلىك، پەم- پاراسەتلىك، ئۈمىدۋار، كەسكىن ئادەم بولسا، ئۇ چوقۇم جەڭدە ھايات قالغۇچى بولالايدۇ، ئەگەر قىزىققان، كالتا پەم، دىلىغۇل، ئاچكۆز ئادەم بولسا، ئۇ ھەممىدىن بۇرۇن ھالاك بولغۇچىدۇر!
ئۇنداقتا بۇ بازار زادى قانداق بازار؟ ئۇنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قانۇنىيىتى ۋە ئىلمىي ئاساسى بارمۇ- يوق؟ بۇ بازاردا نېمىگە ئاساسەن سودا قىلىمىز؟ قانداق سودا قىلىمىز؟ بۇ جەھەتتىكى بىلىملەردىن سىستېمىلىق خەۋەردار بولماقچى ۋە شۇ ئارقىلىق ئەمەلىي سودا قىلىپ باي بولۇش ئارزۇيىڭىزغا يەتمەكچى بولسىڭىز، بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ھەر ۋاقىت نەزەرىڭىزدە بولسۇن. بىز تاشقى پېرېۋوت سودىسىغا قىزىقىدىغان كەڭ دوستلارنىڭ بۇ بازاردا ئۆزىگە چۇشلۇق پايدا يارىتىپ، بېيىش ئارزۇسىنى تېزراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن، ئۇزاق مەزگىل ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، ماتېرىيال توپلاش ۋە ئەمەلىي سودا جەريانىغا تەدبىقلاش ئاساسىدا، تاشقى پېرېۋوتقا دائىر جانغا ئەسقاتىدىغان ئەمەلىي بىلىم ۋە تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ چىقىپ، دوستلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇق. بىز بۇندىن كېيىن مۇشۇ بلوگىمىز ئارقىلىق دوستلارنى تاشقى پېرېۋوتقا دائىر سىستېمىلىق بىلىملەر، يەنى ئاساسى تەھلىل، تېخنىكىلىق تەھلىلگە دائىر بىلىملەر، ئەڭ يېڭى تاشقى پېرېۋود ئۇچۇرلىرى ۋە ئىقتىسادى خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلەيمىز.
باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك پېرېۋوت بازىرى بىزگە نىسبەتەن تېخى يېڭى بازار بولۇپ، بۇ بازارنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئەلمى- تەلىمىنى توختاۋسىز تەتقىق قىلىشىمىزغا، ئۆگىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، دۇنيادا مەڭگۈ ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت بولمىغىنىدەك، تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىمۇ مۇتلەق پايدا يارىتىدىغان ئۆلۈك سودا ئۇسۇلى مەۋجۇت ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ بازارغا كىرگەنلەرنىڭ مىجەز- خاراكتىرى، سودا پىسخىكىسى ۋە سودا ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ھەر بىرەيلەننىڭ ئالىدىغان پايدىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۆزىگە خاس سودا ئۇسلۇبى يېتىشتۈرگەن، بازارنى ئەتىراپلىق، ئىلمىي كۈزىتىپ ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرگەنلەر بۇ بازاردا مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، ئالدىراقسان، تەپەككۇرى چېچېلاڭغۇ، ئاچكۈز، ئۇخلىماي دوللار چۈشى كۆرىدىغانلار ناھايىتتى تېزلا دەسمىيىسىدىن ئايرىلىپ ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا دوستلارنىڭ بۇ بازارغا كىرىشتىن ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىك بىلىم ۋە نەزەرىيىلەردىن ئەتىراپلىق خەۋەردار بولۇشىنى، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىيەتچىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىزمۇ نۇرغۇن دوستلارغا ئوخشاش بۇ بازاردا پەقەتلا ئىزدەنگۈچى. شۇڭا بلوگىمىزدا بېرىلگەن تاشقى پېرېۋوتقا دائىر مەزمۇنلاردا سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلارنىڭ بولۇشى تۇرغانلا گەپ. دوستلارنىڭ تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشىنى، خاتا كەتكەن تەرەپلەردە تۈزىتىش بېرىشىنى سورايمىز.
كامالى ئېھتىرام بىلەن:
پېرېۋوت بلوگى

 
تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب