2008年8月5日

مەركىزى بانكىلارنىڭ پېرېۋود بازىرىغا ئارىلىشىشى (1)

1973- يىلىدىن ھازىرغىچە، سانائەت دۆلەتلىرىنىڭ مەركىزى بانكىلىرى دائىم پېرېۋود بازىرىغا بىۋاستە ئارلىشىپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كۆلۈمى بىر قەدەر زور بولغىنى بەش قېتىم بولۇپ، غەلىبىلىك بولغانلىرى ۋە بولمىغانلىرىمۇ بار.
1976- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئاجىز تەسىرى. 1974- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە داۋاملاشقان دۇنيا ئىقتىسادى كىرزىسىدىن كيىن، ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى، ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى. كات ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كېڭىيىش خاراكتىرىدىكى مالىيە ۋە پۇل سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى. ئۆسۈم ئۆسۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، بۇنىڭ بىلەن پېرېۋود بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى ئۆزلۈكسىز چۈشۈپ، پېرېۋود نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەپ باردى.
ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ چۈشۈش ۋەزىيىتىگە قارىتا، كات ھۆكۈمىتى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشنى قارار قىلدى. 1978- يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرى كات ھۆكۈمىتى بىر تۈرلۈك پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويدى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى پۇل سىياسىتىگە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈلمىگەچكە، پېرېۋود بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئەكسىچە شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتتى. گىرمانىيە ماركى ۋە ياپونىيە يىنى قىممىتىنىڭ ئۆسۈشىدەك غايەت زور بېسىم ئاستىدا، گىرمانىيە ۋە ياپونىيە مەركىزى بانكىلىرى پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك شەرتى ئاستىدا پېرېۋود بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە ئارىلىشىشقا مەجبۇر بولدى، يەنى بۇ ئىككى دۆلەت ئۆز پۇللىرىنى زور مىقداردىكى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇردى. لېكىن بۇنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن بولدى.
1978- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى زۇڭتۇڭ كات ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋود نىسبىتىنىڭ بەكلا تۆۋەنلىكىنى، ئامېرىكا مالىيە مېنىستىرلىكى ۋە مەركىزى بانكىسىنىڭ پېرېۋود بازىرىغا بىۋاستە ئارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئالدىنقى ھەپتىدە يولغا قويۇلغان پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرۇش پىلانى سۇغا چىلاشقانقالىقتىن، زۇڭتۇڭ كات بۇ قېتىم ئېلان قىلغان تاشقى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىش بۇنداق ئىككى تۈرلۈك مۇھىم سىياسى بۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىرىنچىدىن، پۇل قىسىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش. ئامېرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل بانكىسى دىسكونت نىسبىتىنى بىر پوئىنت ئۆستۈرۈپ، دىسكونت نىسبىتىنى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا _ ٪9.5 كە يەتكۈزۈش، بۇ ئارقىلىق بۇ قېتىمقى تاشقى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشقا سىياسى تۈس بېرىش. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى 30 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجىرتىپ تاشقى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىش، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋود نىسبىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش. بۇنىڭدا 15 مىليارد دوللار مەبلەغنى باشقا بانكىلاردىن ئارىيەت ئېلىش، 5 مىليارد دوللارنى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىن ئېلىش ۋە ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىش، 5 مىليارد دوللارنى ئاتالمىش «كات زايومى» (Catter bonds) تارقىتىش يولى بىلەن غەملەش، يەنى ئامېرىكا مالىيە مېنىستىرلىكى چەتئەللەردە ساتقان مارك ۋە شىۋتسارىيە فىرانىكى بويىچە ھېسابلىنىدىغان زايوم ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈش. كات پىلانى ئېلان قىلىنغاندىن كيىن، تاشقى پېرېۋود بازىرىدا دەرۋەقە تەۋرىنىش بولدى. بولۇپمۇ بىرىنچى تۈرلۈك پىلان _ پۇل قىسىشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولدى. 11- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ماركقا ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتى ئالدىنقى كۈنىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىدىن ٪37.25 ئۆرلىدى، يەنى بىر ئامېرىكا دوللىرى 1.83 ماركقا توغرا كەلدى. نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، ئامېرىكا مەركىزى بانكىسىنىڭ 69 مىليون مارك ۋە 19 مىليون شىۋتسارىيە فىرانىكىنى ستىپ چىقىرىشى بىلەن تەڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى داۋاملىق ئۆسۈپ، ماركقا ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتى ٪1 ئۆرلىدى، شىۋتسارىيە فىرانىكىغا ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتى ئۆرلەپ 1.567 گە يەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە يىنىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن 5 مىليون دوللار مەبلەغ ئىشقا سېلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ياپونىيە يىنىغا پېرېۋود قىلىنىش نىسبتىمۇ 187.5 يىنغا چۈشتى. شۇ كۈنى بازار يېپىلغاندا ئامېرىكا دوللىرى ئاساسلىق پېرېۋود قىلىنىدىغان پۇللارغا نىسبەتەن ٪7- ٪10 ئۆستى. شۇندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە پېرېۋود بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنى سېتىش شامىلى كۆتۈرۈلۈپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرى سىناققا دۇچ كەلدى، لېكىن ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى گىرمانىيە، شىۋتسارىيە ۋە ياپۇنىيە مەركىزى بانكىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پېرېۋود بازىرىغا ئارقا- ئارقىدىن تەسىر كۆرسەتتى. 11- ئاينىڭ ئاخىرىغان كەلگەندە، ئامېرىكىنىڭ تاشقى پېرېۋود بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئومۇمى مەبلىغى 35 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، دوللارنىڭ قىممىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ئەمما 12- ئاينىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، تاشقى پېرېۋود بازىرىدا ئامېرىكىنىڭ پۇل قىسىش سىياسىتىنى ھەقىقى قوللانغان ياكى قوللانمىغانلىقى توغرىسىدا گۇمان تۇغۇلۇپ، ئامېرىكا دوللىرى يەنە كەڭ كۆلەمدە سېتىپ چىقىرىلىپ، قىممىتى قايتىدىن چۈشۈشكە باشلىدى. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرى پېرېۋود بازىرىغا داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئارلاشتى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىلا 30 مىليارد دوللار چىقىم قىلدى. لېكىن پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ باردى. 12- ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى 11- ئايدىكىدىنمۇ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ھەقىقى كۈچەيگەن ۋاقتى 1979- يىلى 10- ئاي بولۇپ، بۇ ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋل ۋوركا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ پۇل بىلەن تەمىنلەشنى كونترول قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن ئەھۋال. (داۋامى بار)

0 ئىنكاس||:

 
تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب