2008年8月27日

مەركىزى بانكىلارنىڭ پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشى(5)

ياۋروپا پۇل سىستېمىسىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 1992- يىل 9- ئايدىكى پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشى. 1992- يىل 9- ئايدا ياۋروپا پۇل سىستېمىسىدا كىرزىس كۆرۈلۈپ، پېرېۋوت بازىرىداياۋروپا پۇل سىستېمىسىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ دېگۈدەك پۇللىرى كاساتلىشىپ، ئەنگىلىيە فونستىرلىڭى، ئىتالىيە لېراسى، ئېرلاندىيە پوندى قاتارلىق پۇللارنىڭ قىممىتى زور ھەجىمدە چۈشۈپ كەتتى. بۇنىڭ تەسىرىدە ياۋروپا پۇل سىستېمىسىغا تەۋە بولمىغان فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇل قىممىتىمۇ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىپ، بۇ دۆلەتلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ياۋروپا پۇل سىستېمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ قېتىمقى ئارىلىشىشتا ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىنتايىن زور بەدەللەرنى تۆلەپ ئۆز دۆلىتى پۇلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى: گىرمانىيە مەركىزى بانكىسى 12 مىليارد دوللاردىن كۆپرەك، ئەنگىلىيە 6 مىليارد دوللارغا يېقىن مەبلەغ سەرپ قىلدى. يەنە كېلىپ گىرمانىيە مەركىزى بانكىسى پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن فىرانسىيىدىن ئارىيەت ئالغان مەبلەغنى شۇ يىلى 11- ئاينىڭ بېشىدا ئاران قايتۇرۇپ بولدى. بۇ قېتىملىق ئارىلىشىش ياۋروپا پۇل سىستېمىسىدا كۆرۈلگەن زىددىيەتنى ئاز- تولا پەسكويغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمىدى.
مەركىزى بانكىلارنىڭ پېرېۋوت بازىرىغا بىۋاستە ئارىلىشىش نەتىجىسىدىن مۇنداق بىر تۈپ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ، يەنى بازار ئىگىلىكى ۋە لەيلىمە پېرېۋوت تۈزۈمى شارائىتىدا، پېرېۋوت نىسبىتى پۈتۈنلەي بازار تەرەپىدىن بەلگىلىنىشى كېرەك. ئەگەر تەمىنلەش- تەلەپ مۇناسىۋىتى پېرېۋوت نىسبىتىنى ئۇزاق مەزگىلگىچە تەڭشەپ بارىدۇ دېگەنگە ئىشەنسەك، مەركىزى بانكىلارنىڭ ئارىلىشىشى پەقەتلا قىسقا مۇددەتلىك ئۈنۈم بېرىدۇ، ياكى شىددەتلىك ئۆسۈش ۋە چۈشۈش ۋەزىيىتىنى ئاز- تۇلا كونترول قىلالايدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا بۇ ئارتۇقچە ئاۋارە بولغانلىق خالاس. پېرېۋوت نىسبىتىنى ھەقىقىي كونترول قىلىش توغرا كەلسە، مەركىزى بانكىلار پەقەت مۇقىم پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك. ۋاھالەنكى مۇقىم پېرېۋوت تۈزۈمى نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتىدە كارغا كەلمەيدۇ، شۇڭا بىز بۇ ھەقتە مۇھاكىمە ئېلىپ بارمايمىز. لېكىن پېرېۋوت بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن مەركىزى بانكىلارنىڭ پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشىنىڭ سەۋەبى، يوللىرى، ئۈنۈمى ۋە قانۇنىيىتىنى ئېنىق بىلىۋېلىش مەبلەغ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تولىمۇ مۇھىم. (تۈگىدى)

0 ئىنكاس||:

 
تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب