2008年8月4日

ياۋروپا پۇل بازىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى

پېرېۋود سودىسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى – ياۋروپادىكى تېز سۈرئەتتە راۋاجلانغان ئامېرىكا دوللىرى بازىرىدۇر (ياۋروپا بازىرى _ مەبلەغ پۇل ئىگىسى بولغان دۆلەتتىن باشقا دۆلەتلەردە ساقلىنىدىغان بازارنى كۆرسىتىدۇ). ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرىدا ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكا چىگرىسى سىرتىدىكى بانكىلارغا قويۇلىدۇ. ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرى 20- ئاسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە ئامانەت پۇلنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرەپىدىن توڭلىتىۋېتىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نېفىتتىن قىلىنغان كىرىمنى (دوللار بويىچە ھېسابلانغان) ئامېرىكا سىرتىدىكى بانكىلاردا ساقلايىتتى. بۇنىڭ بىلەن باشقا دۆلەتلەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىدىن مۇستەسنا بولغان غايەت زور سوممىلىق ئامېرىكا دوللىرى غەزىنىسى شەكىللەندى. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخسۇس قانۇن تۇرغۇزۇپ ئامېرىكا دوللىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە قەرز قىلىپ بېرىشكە چەك قويدى، لېكىن ياۋروپا بازارلىرى خېلى زور دەرىجىدە ئەركىن، يەنە كېلىپ پايدىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ئالاھىدە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى. 80- يىللارنىڭ ئاخىرى، ئامېرىكا شىركەتلىرى چىگرا سىرتىدىكى بازارلاردىن مەبلەغ كىرگۈزۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتلەر ياۋروپا بازارلىرىدا غايەت زور ئايلانما مەبلەغكە ئېرىشىپ، قىسقا مۇددەتلىك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىمپورت- ئىكسپورت مەبلىغى جوغلاش ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ قۇلايلاشتى.
ئەينى چاغدا ئامېرىكىغا نىسبەتەن چىگرا سىرتىدىكى ئاساسلىق بازار بولغان لوندون ھازىرمۇ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى مۇھىم ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى، ئەنگىلىيە بانكىسى يەر شارى پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكى يېتەكچى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا دوللىرىنى فونستىرلىڭ ئورنىدىكى پۇل قاتارىدا قەرز پۇل قىلىپ تارقىتىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى مەركىزى بازىرى شەكىللەندى. لوندوننىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمۇ (ئاسىيا ۋە ئامېرىكا بازارلىرىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان) ئۇنىڭ ياۋروپا بازىرىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇشىنى بەلگىلىگەن.
2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 3- قېتىملىق پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ئىشلەپچىقىرىش ۋە كاپىتالنىڭ خەلقئارالىشىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ئەنئەنىۋى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازارلىرى بۇ خىلدىكى خەلقئارالىشىشنىڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشالمىدى. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 60- يىللىرىنىڭ باشلىرى مەبلەغ كۆلۈمى غايەت زور بولغان، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلىگە دائىر قانۇن- بەلگىلىمىلىرىنىڭ چەكلىمىسى ۋە نازارىتىگە ئۇچرىمايدىغان يېڭى تىپتىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرى شەكىللىنىپ، كىشىلەر بۇ پۇل مۇئامىلە بازىرى ئارقىلىق ھەرقانداق بىر دۆلەتتە شۇ دۆلەت پۇلىنى ئامانەت قويالايدىغان، قەرز ئالالايدىغان، مەبلەغ سالالايدىغان، ئاكسىيە تارقىتالايدىغان ۋە سودا- سېتىق بىلەن شوغۇللىنالايدىغان بولدى. بۇ بازار كىشىلەر تەرەپىدىن ياۋروپا پۇل بازىرى دەپ ئاتالدى. ياۋروپا پۇل بازىرىنىڭ تەرەققىياتى دۇنيا سودىسى، پۇل مۇئامىلىسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

0 ئىنكاس||:

 
تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب