2008年8月26日

مەركىزى بانكىلارنىڭ پېرېۋود بازىرىغا ئارىلىشىشى(2)

بەش سانائەت دۆلىتىنىڭ 1985- يىلى 9- ئايدىكى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشى. ئەگەر 70- يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرىنىڭ پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشى بىر قېتىملىق ئۇزاققا سوزۇلغان مەغلۇبىيەتلىك ئۇرۇش دىيىلسە،بەش سانائەت دۆلىتىنىڭ 1985- يىلى 9- ئايدىكى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشىنى بىر قېتىملىق تېز ئېلىپ بېرىلغان غەلىبىلىك ئۇرۇش دىيىشكە بولىدۇ. رېگىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئىزچىل ئۆسۈپ، 1985- يىلى 2- ئاينىڭ 25- كۈنىگە كەلگەندە ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى. شۇ كۈنى بىر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ماركقا پېرېۋود قىلىنىش نىسبىتى 3.4794 بولدى. ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدىكى تەڭشىلىشتىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرى شۇ يىلى 9- ئايدا يەنە ئۆسۈشكە باشلىدى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ مالىيە مېنىستىرلىرى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلىرى نيو- يورك مەيدانى مېھمانخانىسىدا پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، 9- ئاينىڭ 22- كۈنى (يەكشەنبە) بۇ بەش دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا بەش دۆلەتنىڭ مالىيە مېنىستىرلىرى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلىرى «باشقا پۇللارنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا پېرېۋود قىلىنىش باھاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، زۆرۈر تېپىلغاندا داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، پېرېۋود بازىرىغا بىردەك ئارلىشىش» تەك پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە پېرېۋود بازىرىدا دوللارنىڭ قىممىتى زور ھەجىمدە چۈشۈپ، ماركقا ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتى 2.7352 نۇقتىدىن 2.6525 نۇقتىغا تۆۋەنلەپ، چۈشۈش نىسبىتى ٪3 تىن ئېشىپ كەتتى. ئامېرىكا دوللىرى شۇندىن ئېتىبارەن تاكى 1986- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزچىل چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە ۋە گىرمانىيە مەركىزى بانكىلىرى ئامېرىكا دوللىرىنى يۆلەش تەدبىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى، ئەمما بۇ تەدبىرنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى داۋاملىق چۈشۈۋەردى، پەقەت 1987- يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى پېرېۋود بازىرىغا قايتا ئارلاشقاندىن كېيىنلا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئاندىن چۈشۈشتىن توختىدى. ئەمما 1985- يىلى 9- ئايدىكى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشنىڭ تەسىرى تۈگىدىمۇ- يوق؟ پېرېۋود بازىرىدا بۇ ھەقتىكى تالاش- تارتىشلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بەزىلەر: «ئامېرىكا دوللىرى بەش دۆلەت پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشتىن ئىلگىرىلا كۈچىيىشكە باشلىغان، يەنى مەركىزى بانكىلار پېرېۋود بازىرىغا ئارلاشمىغان تەغدىردىمۇ، ئامېرىكا دوللىرى 9- ئايدىكى قاڭقىشتىن كېيىن داۋاملىق كۈچىيىشى مۇمكىن ئىدى» دەپ قارىدى. لېكىن كۈپ سانلىق كىشىلەر: «بۇ قېتىمقى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشنىڭ تەسىرى يەنىلا داۋاملىشىدۇ» دەپ قارىدى.
بەش دۆلەتنىڭ بۇ قېتىمقى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشى غەلىبىلىك بولدى دىيىلسە، بۇنىڭدا «سىگنال تەسىرى» مۇھىم رول ئوينىدى. بەش دۆلەت پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشنىڭ ئىككى ھەپتىدە ئالدى- كەينىدە پېرېۋود نىسبىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، لېكىن سانائەت دۆلەتلىرى ئارا ئۆسۈم نىسبىتى پەرقىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى. شۇ يىلى 10- ئايدا ياپونىيە كرېدىت بازىرىدا قىسىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېينلا، ئۆسۈم نىسبىتى پەرقىدە ئاندىن ھەقىقى ئۆزگىرىش بولدى. ئەمما بەش دۆلەتنىڭ بۇ قېتىمقى ئارلىشىشى پېرېۋود بازىرىدا ئاز دېگەندە بۇنداق ئىككى تۈرلۈك كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. بىرىنچىدىن، بۇ قېتىمقى بايانات پېرېۋود بازىرىدا بەش سانائەت دۆلىتى تولۇق ماسلىشىپ، پېرېۋود بازىرىغا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئارلىشىدۇ، دەيدىغان تونۇشنى پەيدا قىلدى. دەرۋەقە كېيىنكى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەركىزى بانكىلار پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشتا ھەقىقەتەن دېگىنىنى قىلدى. ئىككىنچىدىن، بۇ قېتىمقى بايانات ئامېرىكىنىڭ پېرېۋود سىياسىتىدە زور ئۆزگىرىش قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. رېگىن ھۆكۈمىتى باشتىلا بازارنى ئەركىن رىقابەتكە قويۇۋېتىشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتتى، لېكىن باشقا دۆلەت مەركىزى بانكىلىرىنىڭ پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى. ئامېرىكا بىلەن باشقا دۆلەت مەركىزى بانكىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى پېرېۋود بازىرىغا ئارلىشىشى كىشىلەرنى ئامېرىكىنىڭ باشقا سانائەت دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۇل سىياسىتى ۋە ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى تەڭشەش، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىغا ئىشەندۈردى. (داۋامى بار)

0 ئىنكاس||:

 
تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب