2008年8月4日

سۆز بېشى

تاشقى پېرېۋوت بازىرى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يېڭى شەيئى. مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىزدە بۇ بازارغا كىرىدىغانلار يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كۈنسېرى كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ.پېرېۋوت سودىسىغا ئەڭ دەسلەپ كىرىشكەنلەر بىر مۇنچە ئەگىر- توقاي جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆزىگە چۇشلۇق تەجىربە توپلاپ، بۈگۈنكى كۈندە خېلى ئوبدانلا پايدا ئالالايدىغان سەۋىيىگە يەتتى. دۇنيادا پېرېۋوت سودىسىغان دەيدىغان بىر سودىنىڭ بارلىقىنى ئەمدىلەتىن بىلگەن، بۇ سودىنىڭ ئېپى- چىپىنى ئازراق بىلىۋالغانلار ئەمەلىي سودىغا قارغۇلارچە كىرىشىپ كېتىپ، ھە دېگەندە زىيان تارتىۋالدى، بەزىلەر ھەتتا خانىۋەيران بولۇپ كەتتى. بىزدە سودا مەيدانى _ جەڭ مەيدانى دەيدىغان گەپ بار. پېرېۋوت سودىسى تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، ئۇ جەڭ ئەڭ كەسكىن بولىدىغان مەيدان. بۇ مەيدانغا كىرگۈچى تىرىشچان، تەجىربىلىك، پەم- پاراسەتلىك، ئۈمىدۋار، كەسكىن ئادەم بولسا، ئۇ چوقۇم جەڭدە ھايات قالغۇچى بولالايدۇ، ئەگەر قىزىققان، كالتا پەم، دىلىغۇل، ئاچكۆز ئادەم بولسا، ئۇ ھەممىدىن بۇرۇن ھالاك بولغۇچىدۇر!
ئۇنداقتا بۇ بازار زادى قانداق بازار؟ ئۇنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قانۇنىيىتى ۋە ئىلمىي ئاساسى بارمۇ- يوق؟ بۇ بازاردا نېمىگە ئاساسەن سودا قىلىمىز؟ قانداق سودا قىلىمىز؟ بۇ جەھەتتىكى بىلىملەردىن سىستېمىلىق خەۋەردار بولماقچى ۋە شۇ ئارقىلىق ئەمەلىي سودا قىلىپ باي بولۇش ئارزۇيىڭىزغا يەتمەكچى بولسىڭىز، بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ھەر ۋاقىت نەزەرىڭىزدە بولسۇن. بىز تاشقى پېرېۋوت سودىسىغا قىزىقىدىغان كەڭ دوستلارنىڭ بۇ بازاردا ئۆزىگە چۇشلۇق پايدا يارىتىپ، بېيىش ئارزۇسىنى تېزراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن، ئۇزاق مەزگىل ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، ماتېرىيال توپلاش ۋە ئەمەلىي سودا جەريانىغا تەدبىقلاش ئاساسىدا، تاشقى پېرېۋوتقا دائىر جانغا ئەسقاتىدىغان ئەمەلىي بىلىم ۋە تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ چىقىپ، دوستلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇق. بىز بۇندىن كېيىن مۇشۇ بلوگىمىز ئارقىلىق دوستلارنى تاشقى پېرېۋوتقا دائىر سىستېمىلىق بىلىملەر، يەنى ئاساسى تەھلىل، تېخنىكىلىق تەھلىلگە دائىر بىلىملەر، ئەڭ يېڭى تاشقى پېرېۋود ئۇچۇرلىرى ۋە ئىقتىسادى خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلەيمىز.
باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك پېرېۋوت بازىرى بىزگە نىسبەتەن تېخى يېڭى بازار بولۇپ، بۇ بازارنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئەلمى- تەلىمىنى توختاۋسىز تەتقىق قىلىشىمىزغا، ئۆگىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، دۇنيادا مەڭگۈ ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت بولمىغىنىدەك، تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىمۇ مۇتلەق پايدا يارىتىدىغان ئۆلۈك سودا ئۇسۇلى مەۋجۇت ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ بازارغا كىرگەنلەرنىڭ مىجەز- خاراكتىرى، سودا پىسخىكىسى ۋە سودا ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ھەر بىرەيلەننىڭ ئالىدىغان پايدىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۆزىگە خاس سودا ئۇسلۇبى يېتىشتۈرگەن، بازارنى ئەتىراپلىق، ئىلمىي كۈزىتىپ ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرگەنلەر بۇ بازاردا مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، ئالدىراقسان، تەپەككۇرى چېچېلاڭغۇ، ئاچكۈز، ئۇخلىماي دوللار چۈشى كۆرىدىغانلار ناھايىتتى تېزلا دەسمىيىسىدىن ئايرىلىپ ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا دوستلارنىڭ بۇ بازارغا كىرىشتىن ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىك بىلىم ۋە نەزەرىيىلەردىن ئەتىراپلىق خەۋەردار بولۇشىنى، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىيەتچىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىزمۇ نۇرغۇن دوستلارغا ئوخشاش بۇ بازاردا پەقەتلا ئىزدەنگۈچى. شۇڭا بلوگىمىزدا بېرىلگەن تاشقى پېرېۋوتقا دائىر مەزمۇنلاردا سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلارنىڭ بولۇشى تۇرغانلا گەپ. دوستلارنىڭ تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشىنى، خاتا كەتكەن تەرەپلەردە تۈزىتىش بېرىشىنى سورايمىز.
كامالى ئېھتىرام بىلەن:
پېرېۋوت بلوگى

0 ئىنكاس||:

 
تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب