2008年8月4日

ئالتۇن پۇل بىرلىكى تۈزۈمى ۋە ئامېرىكا دوللىرى

ھازىرقى تاشقى پېرېۋود بازىرى (FX ياكى Forex) 1973- يىلىدىن ئېتىبارەن شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئەمما مىسىر فرەۋىنلىرى دەۋرىدىن باشلاپلا پۇللار بىر خىلدىن يەنە بىر خىلغان توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرغان. قەدىمكى بابىللىقلارتارىختا تۇنجى بولۇپ قەغەز پۇل ئىشلەتكەن مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغا بولسىمۇ، لېكىن ئوتتورا شەرقتىكى پۇل سودىگەرلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپ پۇل سودىسى بىلەن شوغۇللانغان سودىگەرلەر بولۇپ، ئۇلار بىر دۆلەتنىڭ مېتال پۇلىنى يەنە بىر دۆلەتنىڭ مېتال پۇلىغا ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى. كىشىلەرنىڭ تاللاش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ مېتال پۇللاردىن باشقا پۇللارنىمۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. قەغەزدىن ياسالغان بۇ ئالاھىدە تالۇن ئۆز ۋاقتىدا ئۈچىنچى بىر تەرەپكە پۇل تۆلەشنىڭ ۋاستىسى قىلىنغان بولۇپ، بۇ شۇ چاغدىكى سودىگەرلەرنىڭ پېرېۋود ئالماشتۇرۇشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانىدى.
ئوتتۇرا ئەسىردىكى پېرېۋود ئالماشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن 1- دۇنيا ئۇرۇشىغىچە بولغان مەزگىلدە، پېرېۋود بازىرى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ھايانكەشلىك قىلمىشلىرى كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. لېكىن 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، پېرېۋود بازارلىرىدا بىر قىسىم زور داۋالغۇشلار كۆرۈلۈشكە باشلاپ، ھايانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرى ئىلگىركى ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا 10 ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيدى.
1967- يىلى، چىچاگودىكى بىر بانكا Milton Friedman ئىسىملىك بىر ئالىي مەكتەپ فروفېسسورىغا فونستىرلىڭ قەرز بېرىشنى رەت قىلغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇ شۇ چاغدا قەرز ئېلىپ ئۇنى دوللارغا ئالماشتۇرماقچى بولغان. Friedman ئەپەندىنىڭ كۈزىتىشىچە شۇ چاغدا فونستىرلىڭنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇلۇش باھاسى بەكلا يۇقىرى بولۇپ، ئۇ ئاۋۋال فونستىرلىڭنى سېتىپ چىقىرىپ، قىممىتى چۈشكەندىن كېيىن فونستىلىڭنى قايتا سېتىۋېلىپ بانكا قەرزىنى تۆلىمەكچى بولغان، ھەمدە بۇ ئۇسۇل بىلەن پۇل تاپماقچى بولغان. چىچاگودىكى ھېلىقى بانكىنىڭ قەرز بېرىشنى رەت قىلىشىدىكى سەۋەب 20 يىل ئاۋۋال تۈزۈلگەن «بورستون ئورمانلىقى ئەھدىنامىسى» دىكى بەلگىلىمە بولۇپ، كېلىشىمدە ھەرقايسى دۆلەت پۇللىرىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتى مۇقىم قىلىپ بېكىتىلگەن، ھەمدە ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇننىڭ ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتىدە 35 ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بىر ئۇنسىيە ئالتۇنغا باراۋەر بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
«بورستون ئورمانلىقى ئەھدىنامىسى» 1944- يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا پۇللارنىڭ دۆلەتلەر ئارا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلقئارا پۇل ھايانكەشلىكىگە چەك قويۇش، شۇ ئارقىلىق خەلقئارادىكى پۇللارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش مەقسەت قىلىنغان. بۇ ئەھدىنامە تۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى ئالتۇن پۇل بىرلىكى تۈزۈمى 1876- يىلىدىن تاكى 1- دۇنيا ئۇرۇشىغىچە بولغان مەزگىلدە خەلقئارا ئىقتىساتتا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئالتۇن پۇل بىرلىكى تۈزۈمىدە، پۇللار ئالتۇن باھاسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆز مۇقىملىقىنى ساقلاپ كەلگەن. ئالتۇن پۇل بىرلىكى تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، قەدىمكى دەۋرلەردىكى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمرانلار پۇل قىممىتىنى خالىغانچە چۈشۈرىدىغان، شۇ ئارقىلىق پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىلدى. لېكىن ئالتۇن پۇل بىرلىكى تۈزۈمى ئەڭ مۇكەممەل تۈزۈممۇ ئەمەس. بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، شۇ دۆلەت چەتئەللەردىن زور مىقداردا تاۋار ئىمپورت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئىمپورت قىلىش تاكى شۇ دۆلەت پۇلى قىممىتىگە تىرەك بولۇپ كېلىۋاتقان ئالتۇن زاپىسى تۈگىگەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. نەتىجىدە بۇ پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقتدارىنىڭ كېمىيىشىنى، ئۆسۈمنىڭ ئۆسۈشىنى، ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنىڭ سۇسلىشىشى، ھەتتا خارابلىشىشىنى، ئەڭ ئاخىرىدا تاۋار باھاسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما نىسبىي تۆۋەن بولغان مال باھاسى باشقا دۆلەتلەرنى شۇ دۆلەتنىڭ ماللىرىنى تالىشىپ سېتىۋېلىشقا جەلىپ قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن شۇ دۆلەتكە قايتىدىن ئېقىپ كىرىدۇ، ھەمدە بۇ تاكى شۇ دۆلەتنىڭ پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئاشقان، ئۆسۈم نىسبىتى چۈشكەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شۇ دۆلەتتە قايتىدىن بايلىق ھاسىل بولىدۇ. «گۈللىنىش – خارابلىشىش» تىن ئىبارەت بۇ ئەندىزە ئالتۇن پۇل بىرلىكى تۈزۈمىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، 1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشى بىلەن سودا ئوبرىتى ۋە ئالتۇننىڭ ئەركىن ئالماشتۇرۇلۇشى بىر ئىزدا توختاپ قالدى.
بىر قانچە قېتىملىق كەسكىن ئۇرۇشلاردىن كېيىن، «بورستون ئورمانلىقى ئەھدىنامىسى» مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭدا ئەھدىنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر ئۆز دۆلەت پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى مۇقىم ھالەتتە ساقلاش، ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا شۇ دۆلەت پۇللىرىنىڭ ئالتۇنغا ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر كىچىك دائىرىدە تەۋرىنىشىگە يول قويۇش بىرلىككە كېلىنگەن. بۇ ئەھدىنامىدە يەنە دۆلەتلەرنىڭ سودىدا پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۆز دۆلىتى پۇللىرىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈشى چەكلىنىدىغانلىقى، پۇل قىممىتىنىڭ چۈشىشىنىڭ ٪10 تىن تۆۋەن بولۇشقىلا يول قويۇلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىغا كەلگەندە، خەلقئارا سودا مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتىن ھاسىل بولغان زور كۆلەمدە مەبلەغ يۆتكەش ئىھتىياجى «بورستون ئورمانلىقى ئەھدىنامىسى» دا بېكىتىلگەن پېرېۋود نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى .
بۇنىڭ بىلەن 1971- يىلى تۈزۈلگەن «بورستون ئورمانلىقى ئەھدىنامىسى» بىكار قىلىنىپ، ئامېرىكا دوللىرى ئالتۇنغا بىۋاستە ئالماشتۇرۇلمايدىغان بولدى. 1973- يىلىغا كەلگەندە، ئاساسلىق سانائەت دۆلەتلىرى پۇللىرىنىڭ پېرېۋود نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشى تېخىمۇ ئەركىن ھالەتكە ئۆتۈپ، پېرېۋود نىسبىتى ئاساسلىقى پېرېۋود بازىرىدىكى پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ۋە ئېھتىياج تەرەپىدىن تەڭشىلىپ بارىدىغان بولدى. 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىكى سودا مىقدارى ۋە سودا سۈرئىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېشىشىغا، پېرېۋود نىسبىتىنىڭ ھەر كۈنى ئۆزگىرىپ تۇرۇشىغا، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، بازار ۋە سودا تېخىمۇ ئەركىن ھالەتكە قەدەم قويدى.
20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىغا كەلگەندە، كومپيۇتېر ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار يېڭى تېخنىكىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە، دۆلەت ھالقىغان كاپىتال ئالماشتۇرۇشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاسىيا، ياروپا، ئامېرىكا بازارلىرى بىر گەۋدىگە ئايلاندى. پېرېۋود سودا مىقدارى 80- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى 7 تېرلىئون ئامېرىكا دوللىرىدىن شىددەت بىلەن ئېشىپ، بۈگۈنكى 15 تېرلىئون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

0 ئىنكاس||:

 
تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب