2008年8月4日

2) ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىدىكى سەۋەبلەر

20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 70- يىللىرىدىن بۇيان ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرى شىددەت بىلەن تەرەققى قىلدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر:
1. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا كىرىم- چىقىمىدىكى پاسسىپ بالانىس ئۆزلۈكسىز زورايدى. 1950- يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ دائىملىق خەلقئارا كىرىم- چىقىم تۈرلىرىدە پاسسىپ بالانىس كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 1958- يىلىدىن كېيىن خەلقئارادا كىرىم- چىقىم پاسسىپ بالانىسى يەنىمۇ زورايدى، 1971- يىلى 8- ئايدا ئۆزلۈكسىز ناچارلاشقان خەلقئارالىق كىرىم- چىقىم ۋە ئامېرىكا دوللىرى كىرزىسىنىڭ تەھدىتى تۈپەيلى، ئامېرىكا دوللارنى ئالتونغا ئالماشتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلالمايدىغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەر، بولۇپمۇ غەربى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ بانكىلىرىغا زور مىقداردىكى ئامېرىكا دوللىرى توپلاندى، بۇ ھەم ئۆز نۆۋىتىدە ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرىنىڭ مەبلەغ مەنبەسىگە ئايلىنىپ، ياۋروپانىڭ ئامېرىكا دوللىرى كىرىدىت كەسپىنى ئىلگىرى سۈردى. يەنە كېلىپ ئامانەت قەرز پاخاللىقى ئەكسىچە ياۋروپا ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرىدىكى سودا پائالىيىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز زورىيىشىغا تۈرتكە بولدى.
2. ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىياسىتىدىكى چەكلىمىلىك. بىرىنچىدىن، ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسىنىڭ Q خەتلىك نىزامى بويىچە، ئامېرىكىدىكى سودا بانكىلىرىنىڭ ئامانەت پۇل ئۆسۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ ھازىرقى ئۆسۈم نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەمما ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى بانكىلاردا بۇنداق چەكلىمە يوق. شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەبلىغى ھەدەپ ياۋروپا بازارلىرىغا ئېقىپ كىردى. ئىككىنچىدىن، M نىزامىغا ئاساسەن، ئامېرىكا سودا بانكىلىرى فدراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسىغا مەلۇم نىسبەتتە زاپاس ئامانەت پۇل تاپشۇرۇشى كېرەك، لېكىن ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرىدا بۇنداق بەلگىلىمە يوق. ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1963- يىلى چەتئەل پايچېكى سېتىۋالغان ئامېرىكا پۇقرالىرىدىن ئۆسۈم تەڭپۇلاشتۇرۇش بېجى (利息平衡税) ئېلىشنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرىدىن مەبلەغ جوغلاشقا مەجبۇرلىدى. بۇ ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.
3. ئىشلەپچىقىرىش ۋە كاپىتالنىڭ خەلقئارالىشىشى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى، لېكىن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا پائالىيىتىنى پۈتكۈل دۇنياغا كېڭەيتىش ئۈچۈن، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ جوغلانمىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە، باش شىركەت بىلەن تارماق شىركەتلەر، تارماق شىركەتلەر بىلەن تارماق شىركەتلەر ئارىسىدا مەبلەغ تەڭشەشكە، تېخىمۇ مۇھىمى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن ئوتتۇرا، قىسقا مۇددەتلىك كىرىدىت قەرزى ئېلىپ، بۇ قەرز ئارقىلىق ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلارنى يېڭىلاشقا توغرا كېلىدۇ. دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ھەم ياۋروپا پۇل بازارلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىن ئەتتى، ھەم ياۋروپا پۇل بازارلىرىدا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ياراتتى. شۇڭا ياۋروپا پۇل بازارلىرى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ غايەت زور تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېزلىكتە تەرەققى قىلدى.
4. 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە ئۆستى. 1973- يىلى ۋە 1979- يىلىدىكى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇدا ئىككى قېتىم ئۆسۈشى، 1973- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە ۋە 1979- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى قېتىم يەر شارى خاراكتىرلىك ئىقتىسادىي كىرزىس پەيدا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن نېفىت ئىكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ كىرىمى ھەسسىلەپ ئۆستى، ئەمما نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر غايەت زور خەلقئارا كىرىم- چىقىم پاسسىپ بالانىسىغا دۇچ كەلدى. شۇ سەۋەبلىك زور مىقداردىكى نېفىت ۋە ئامېرىكا دوللىرى ياۋروپا پۇل بازارلىرىغا ئېقىپ كىردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا پۇل مۇئامىلە بازارلىرىدىكى قەرز ئېلىشنىڭ قۇلاي بولۇشى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق كىرىم- چىقىم تەڭپۇڭسىزلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنى تولۇق مەبلەغ مەنبەسى بىلەن تەمىن ئەتتى.
5. 60- يىللادىن بۇيان، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى كۈنسېرى ئاجىزلىشىپ، ئامېرىكا دوللىرى ھە دېگەندە كىرزىسقا ئۇچرىدى، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا دوللىرىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىنى تالىشىپ سېتىۋالدى. يەنە كېلىپ غەربى ياۋروپا دۆلەتلىرى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆز دۆلىتىگە كەلگەن چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ ئۆز دۆلىتى پۇلىنى چىقىم ۋاستىسى قىلىشىنى چەكلىدى، بۇنىڭ بىلەن شۇ دۆلەتلەرنىڭ مەبلىغى ئۆز دۆلىتىدىن باشقا دۆلەتلەردە ئامانەت قويۇلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ياۋروپادا فونستىرلىڭ، فرانك، گوئىلدېر، شىۋتسىيە فرانكى قاتارلىق ياۋروپا پۇللىرى شەكىللەندى، ياۋروپادىكى ئامېرىكا دوللىرى بازارلىرىمۇ مۇناسىپ ھالدا ياۋروپا پۇل بازارلىرىغا قاراپ تەدىرجى كېڭەيدى. ياۋروپا پۇل بازىرى شەكىللەنگەندىن كېيىن، دائىرىسى ئۆزلۈكسىز كېڭىيىپ، ناھايىتتى تېزلا ئاسىيا، شىمالى ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىىغا يېتىپ باردى.

0 ئىنكاس||:

 
تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب